سىفلىس
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، جىنسىي ئەزانىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن سىفلىس بۇرمىسىمان تەنچىنىڭ مىكروبلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
باش، بويۇن، كۆكرەك، بەللەردە ئاغرىمايدىغان قاتتىق تۈگۈنچە شەكىللىنىپ، بىرقانچە ئايدىن كېيىن زېدىلىنىپ يارىغا ئايلىنىش، بۇرۇن شىللىق پەردىلىرىدە زېدىلىك يارا پەيدا بولۇش، شىللىق پەردىلەر شەلۋەرەش، چاچ چۈشۈش، بوغۇملار ئاغرىش، پۈتۈن بەدەن يېقىمسىزلىنىش، يارىلاردىن سېسىق پۇرايدىغان سۇ ۋە يىرىڭ ئېقىش، بۇرۇن ۋە تاڭلايدا پەيدا بولغاندا چىرىتىپ شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سىماب، پىستە مېغىزى، ئاقلانغان بادام مېغىزى، ھۆل خېنە تېنى توققۇز گرامدىن، مۇقىل، كەتىرا، سەمغى ئەرەبى، ئەنزىررۇت، رەۋەن، تۇربۇت 15 گرامدىن، غارىقۇن، نىشاستە، زەپەر، مەستىكى ئالتە گرامدىن، كاپۇر، جەدۋار، سوقمۇنىيا ئۈچ گرامدىن، لىمون سۈيى مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، لىمون سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ)
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
تازىلانغان گۈڭگۈرت، چۆپچىنى، نۆشۈدۈر، ئاقىرقەرھا تۆت گرامدىن، سەمغى ئەرەبى ئىككى گرام، شېكەر 10 گرام، لىمون مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
لىموندىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، لىموننى سىقىپ سۈيىنى ئېلىپ، سوقۇلغان دورىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ قىلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم 5 ~ 8 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
چۆپچىنى كۆمۈرى 50 گرام، ئادراسمان ئۇرۇقى 40 گرام، بەزرۇلبەنجى، جۇۋىنە 20 گرامدىن، قىزىل سىر 50 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، چالا سوقۇلغان چۆپچىنى كۆمۈرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
بىر گرامدىن ئۈچ گرامغىچە قەغەزدە يۆگەپ ياكى غاڭزىغا سېلىپ تاماكىغا ئوخشاش چېكىلىدۇ.