مەقئەت ئاقمىسى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، مەقئەت ئەتراپىدا پەيدا بولغان ئۇششاق يىرىڭلىق ئىششىقلارنىڭ تولۇق ساقىيىپ كەتمىگەنلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
داۋاملىق يىرىڭ ۋە زەرداب سۇ ئېقىپ تۇرۇش، ئەتراپى شەلۋەرەش، قىزىرىش، ئاقما تۆشۈكى ئېتىلىپ قالسا ئىششىپ قاتتىق ئاغرىتىش، بەزىدە ياللۇغلىنىپ ئومۇمىي بەدەنلىك قىزىتما پەيدا قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
زەمچە، ئەنزۇت، سەبرە، كۇندۇر، خۇنسىياۋشان، ئانارگۈلى، سۈمەر 12 گرامدىن، زەنكار ئۈچ گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، تاسقاپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، مۇۋاپىق سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ سەرەڭگە تېلى چوڭلۇقىدا تىلىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
ئاقما جاراھەتنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ، كۈندە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ تېڭىلىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئەنزىرۇت، ئانار پوستى، موزا، زەمچە، كۆك قەغەز كۈلى، سۆئدى كوپى 30 گرامدىن، كۆيدۈرۈلگەن مىس 15 گرام، مۇرمەككى، خونسىياۋشان، كۈندۈر ئالتە گرامدىن.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تالقان تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم ئاقما ئۈستىگە سېپىلىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سىماب، پىستە مېغىزى، ئاقلانغان بادام مېغىزى، ھۆل خېنە تېنى توققۇز گرامدىن، مۇقىل، كەتىرا، سەمغى ئەرەبى، ئەنزىرۇت، رەۋەن، تۇربۇت 15 گرامدىن، غارىقۇن، نىشاستە، زەپەر، مەستىكى ئالتە گرامدىن، كاپۇر، جەدۋار، سوقمۇنىيا ئۈچ گرامدىن، لىمون سۈيى مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، لىمون سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.