چاچراتقۇ
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش ۋە باشقا سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
بالىلارنىڭ يۈز قىسمى ياكى پۇت - قوللىرىدا دەسلەپ قىزىل داغلىق چوڭ - كىچىكلىكى پۇرچاق ياكى تىرناقتەك چوڭلۇقتا غودۇر - بۇدۇر يىرىڭلىق ياكى سۇلۇق يىرىڭلىق قاپارتقۇ پەيدا بولۇش، قىچىشىش، قاشلىغاندا ئۇچى بۇزۇلۇپ، شەلۋەرەپ قاقاچ ۋە تۈگۈنچە ھاسىل قىلىش، ئاققان سۇ ۋە يىرىڭ نەگە تەگسە شۇ يەردە يۇقۇملىنىش پەيدا بولۇپ، ساق تېرىلەرگە تارقىلىش، بەزىدە بىرنەچچىسى بىر - بىرىگە تۇتىشىپ سۇ ساقىپ تۇرىدىغان شەلۋەرەشلىك جاراھەت ھاسىل قىلىش، بەزىدە لىمفا تۈگۈنلىرى يوغىناش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
چۆپچىنى 30 گرام، بەدىيان، ئامىلە، سېرىق ھېلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، جۇۋىنە، شاقاقۇل، جويۇز، بوزىدان، سەۋزە ئۇرۇقى، ئۇد ھىندى، دارچىن، بەسباسە، سۇمبۇل، ئاسارۇن، قەلەمپۇر، سۆرۈنجان مىسىرى، خولىنجان، سۆئدى كۇپى، پىلپىل، زەپەر، كۇندۇر، زەنجىۋىل 10گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، قارا ھېلىلە 15 گرامدىن، سەبرە سۇقۇترى 20 گرام، سوقمۇنىيا 5.7 گرام، شاھتەررە 100 گرام، قىزىلگۈل سەككىز گرام، سانا ئالتە گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقى شاھتەررە بىلەن يۇغۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم 4 ~ 6 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
كىبرىت 20 گرام، قوي يېغى 60 گرام، قىچا يېغى 20 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
قىچا بىلەن كىبرىتنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن قوي يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە 3 ~ 4 قېتىم سىرتىدىن ياغلىنىدۇ.