UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشكۆزگە ئاق چۈشۈش

كۆزگە ئاق چۈشۈش

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، كۆز كېسەللىكلىرى ۋە كۆز زەخىملىرىنىڭ ۋاقتىدا، توغرا داۋالانماسلىقىدىن ۋە ئۇزاق داۋاملاشقان شەقىقە كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: كۆز قارىچۇقىدا بەزىسى نېپىز، سۈزۈك ئاق بۇلۇتتەك، بەزىسى قېلىن، توق ۋە ئاق پەردە پەيدا بولۇش، بەزىلەردە مەزكۇر پەردە سىرتقا بىر ئاز پۇلتىيىپ چىقىش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 سەبرە سۇقۇترى، ئوسارە ئەپسەنتىن، مەستىكى رۇمى، غارىقۇن 10 گرامدىن، ئاچچىقتاۋۇز، سوقمۇنىيا بەش گرامدىن. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كەرەپشە سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 7 ~ 9 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ). 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 ھېلىلە كابىلە پوستى، سېرىق ھېلىلە پوستى، بەلىلە پوستى، قارا ھېلىلە پوستى، ئاقلانغان ئامىلە پوستى 20 گرامدىن، يۇمغاقسۈت كۆكى 80 گرام، قىزىلگۈل، ئۈستقۇددۇس، يانتاق ئېگىرى ئىككى سىقىم، بادام يېغى 50 گرام، ھەسەل ئۈچ لىتىر. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بادام يېغى بىلەن ياغلاپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 دەريا قۇلۇلىسى بىر تال، كۆپۈكى دەريا بىر پارچە، بىر تۇخۇمنىڭ شاكىلى، مەرۋايىت ئون تال، پىلپىل ئون تال، بىخ مارجان 15 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇپا ھالىتىگە كەلتۈرۈپ سۇفۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم سۈرمە ئورنىدا كۆزگە تارتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش