كۆكرەك پەردە ياللۇغى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، كۆكرەك قەپىسىنىڭ ئىچكى تەرىپىنى قاپلاپ تۇرغان پەردىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگەرگەن خىلىتلار تەسىرىدىن ۋە باشقا سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
پۈتۈن بەدەن قىزىش، كۆكرەك ئاغرىش، بىقىنىدا سانجىق پەيدا بولۇش، تومۇر ھەرە چىشىدەك سېلىش، دەم سىقىلىش، يۆتەل قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سەرپىستان 50 تال، چىلان 20 تال، پوستى خەشخاش 15 گرام، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى سەككىز گرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى ئىككى گرامدىن، بىھى ئۇرۇقى ئۈچ گرام، ئاق شېكەر 16 گرام، بادام مېغىزى شىرىسى، خەشخاش شىرىسى سەككىز گرامدىن، رۇببىسۇس، كەتىرا، سەمغى ئەرەبى ئۈچ گرامدىن.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
شىرە دورىلار ۋە رۇببىسۇسلاردىن باشقا دورىلارنى قاينىتىپ، سىقىپ سۈزۈپ، سۈيىگە شېكەرنى سېلىپ قىيام قىلىپ، ئاندىن شىرە دورىلارنى ۋە رۇببىسۇسنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، يەتتە گرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئەرەقى گاۋزىبان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
گاۋزىبان بىر كىلوگرام، سۇ ئالتە كىلوگرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى تازىلاپ، پار قازىنىدا قاينىتىپ پارلاندۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 50 گرامدىن ئىچىلىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
تاتلىق ئانار سۈيى 140 مىللىلىتىر، ئاق شېكەر 24 گرام، سەمغى ئەرەبى، قورۇلغان نىشاستە ھەربىرىدىن بىر گرامدىن، تاتلىق بادام يېغى 24 مىللىلىتىر.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىسسىتىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىلىدۇ.