مېڭە پەردە ياللۇغى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، تۆت خىلىتنىڭ سان ۋە پەن جەھەتتىكى ئۆزگىرىشى، مېڭە ۋە مېڭىنى ئوراپ تۇرغۇچى پەردىلەرنىڭ ياللۇغلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك.
ئالامىتى:
جىددىي قۇسۇش، يۇقىرى قىزىتما، جۆيلۈش، بىئاراملىق، باش ئاغرىش، يورۇقلۇقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، ئۇيقۇسىزلىق، پۇت - قول ھەرىكەتلىرى قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
گاۋزىبان ھىندى، ئاقلانغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، تازىلانغان پىلە غوزىسى، بالەنگۇ ئۇرۇقى، ئاق بەھمەن، سەندەل، پەرەنجىمىشكى 30 گرامدىن، مەرۋايىت، ئىپار 5.2 گرامدىن، ئەنبەر بەش گرام، ناۋات 1200 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇغا بىر كېچە چىلاپ، ئەتىسى ئۈچتىن بىر قىسمى قالغۇچە قاينىتىلىپ سۈزۈلىدۇ ۋە سۈيىگە 5.1 ھەسسە ناۋات سېلىنىپ قىيام قىلىنىدۇ. قىيام سوۋۇپ ئىلىمان ھالەتكە كەلگەندە ئۈستىگە ئىپار، ئەنبەر، مەرۋايىتلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
كەھرىۋا، تاباشىر، قىزىلگۈل، گاۋزىبان، سېمىز ئوت ئۇرۇقى 15 گرامدىن، كەتىرا، بىخ مارجان، مەرۋايىت، ئاق سەندەل، قىرقىلغان پىلە غوزىسى توققۇز گرامدىن، ئامىلە مۇقەششەر 21 گرام، دارچىن ئۈچ گرام، زەپەر 5.1 گرام، ئىپار ئۈچ گرام، قەنت ئىككى ھەسسە.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قەنتنى گۇلاب بىلەن قىيام قىلىپ، قىيامغا يۇمشاق سوقۇلغان ئىپارنى سېلىپ، قالغان دورىلارنى ئۈستىگە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
گاۋزىبان بىر كىلوگرام، سۇ ئالتە كىلوگرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
گاۋزىباننى تازىلاپ، پار قازىنىدا پارلاندۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن 50 گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.