ئىستىرخا
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، ئومۇمىي بەدەن ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ سەزگۈ ۋە ھەرىكەت نېرۋىلىرىنىڭ خىزمىتى سۇسلىشىشتىن كېلىپ چىقىدىغان، ئوتتۇرا ياشلىق ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلۈش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
كېسەللەنگەن جاينىڭ سېزىمى ساقلىنىپ قالسىمۇ، ھەرىكىتى سۇسلىشىپ كېتىش ياكى بوشاپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
بەدىيان يىلتىزى، كەرەپشە يىلتىزى، بىخ كەبىر، ئىزخىر، پىرسىياشان، بادەرەنجى بۇيا ھەر بىرىدىن 15 گرامدىن، قىزىلگۈل، ئۈستقۇددۇس، بىستىپايەج چىنى، رۇمبەدىيان، گۈلى بىنەپشە، سەرپىستان ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن، ئەنجۈر قېقى، گۈلقەنت 60 گرامدىن، بادام يېغى 10 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇدا قاينىتىپ، ئاندىن گۈلقەنت ۋە بادام يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سۇمبۇل، دارچىن، مەستىكى رۇمى، ھەب بىلسان، ئۇدبىلسان، سەلىخە، ئاسارۇن، زەپەر 10 گرامدىن، سەبرە سۇقۇترى 80 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقى بەدىيان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 تالدىن كەچتە توق قورساققا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
تېشىلمىگەن مەرۋايىت، ئەرىقى گۇلاب، ئەرىقى گاۋزىبان 10 گرامدىن، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، كاسىنە گۈلى، پەرەنجىمىشكى، گاۋزىبان، بادرەنجى بۇيا ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى ئالتە گرامدىن، قىرقىلغان پىلە 10 گرام، ئىپار، ئەنبەر بىر گرامدىن، ئالما شەربىتى 100 مىللىلىتىر، ئامىلە مۇرابباسى، ناۋات 200 گرامدىن.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
مەرۋايىتنى گۇلاب ياكى ئەرىقى گاۋزىبان بىلەن سالايە قىلىپ يۇمشىتىپ، قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ناۋاتنى گۇلاب بىلەن قىيام قىلىپ، ئاندىن شەربەت، مۇراببالارنى ئارىلاشتۇرۇپ، باشقا دورىلارنى سېلىپ خېمىر قىلىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.