ئاشقازان ياللۇغى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، ئۆتكۈر ئاشقازان - ئۈچەي ياللۇغى، زەھەرلىنىش ياكى يۇقۇملىنىش قاتارلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
كۆپىنچە تاماقنى كۆڭلى تارتماسلىق، تاماق يېسە كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئاشقازان ئاغرىش، بەزىدە بەلغەمدەك، بەزىدە ياغدەك، بەزىدە قان ئارىلاش شىلىمشىق ماددىلارنى ياندۇرۇش، ئاشقازان ئۇدۇلى كۆيۈپ قالغاندەك سېزىم بولۇش، باسقاندا ئاغرىش، ھەزىم قىلىش بۇزۇلۇپ، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سەبرە سۇقۇترى 64 گرام، قارىمۇچ 48 گرام، تەنكار سەككىز گرام، ئاق بەزرۇلبەنجى 10 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ناشتىدا ئۈچ تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلار ۋە بۇۋاقلارغا ئازايتىلىدۇ).
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
چىلان 20 تال، ياڭاق مېغىزى مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق شېكەر 200 گرام، قارا شېكەر 200 گرام، ھەسەل 100 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
چىلاننى كۆيدۈرۈپ، كۆيدۈرۈلگەن چىلان ئېتى بىلەن ياڭاقنى قورۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، شېكەر، ھەسەللەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گرام ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قارىمۇچ، ئاقمۇچ، ئاق بەزرۇلبەنجى 80 گرامدىن، ئەپيۈن 40 گرام، زەپەر 20 گرام، سۇمبۇل، ئاقىرقەرھا، پەرپىيۇن، لىسانىل ئاساپىر تۆت گرامدىن، ھەسەل 900 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
زەپەر بىلەن ئەپيۈندىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل سوۋۇغاندىن كېيىن زەپەرنى سېلىپ، ئارقىدىن ئەپيۈننى سېلىپ ، كېيىن قالغان دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. زەپەر بىلەن ئەپيۈن ئايرىم سوقۇلىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 3.0 ~ 5.0 گرام ئىستېمال قىلىنىدۇ(10 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا بولمايدۇ).