UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشيىڭناسقۇ

يىڭناسقۇ

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بۇزۇق سەۋدا ۋە قان خىلىتىنىڭ يەرلىك ئورۇنغا تەسىر كۆرسىتىشى، ئاچچىق - چۈچۈك نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش نەتىجىسدە ھەزىم قىلىش ياخشى بولماي، خام خىلىتنىڭ ھاسىل بولۇشى ھەمدە تازىلىققا قىلماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: كۆز گىرۋەكلىرىنىڭ ئاستى ياكى ئۈستىدە دەسلەپتە كىچىك مۇدۇر پەيدا بولۇش، ئازراق قىچىشىش، ئاغرىش، تەدرىجىي مۇدۇر دائىرىسى قىزىرىپ، ئاغرىق كۈچىيىپ، مۇدۇر ئۇچى ئاقىرىپ، يىرىڭ يىغىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 رۇسۇت، گىلى ئەرمەن ئۈچ گرامدىن، مامسا بىر گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كاسىنە سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ خېمىر تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 سەبرە سۇقۇترى، ئوسارە ئەپسەنتىن، مەستىكى رۇمى، غارىقۇن 10 گرامدىن، ئاچچىقتاۋۇز، سوقمۇنىيا بەش گرامدىن. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كەرەپشە سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېىتمدا 2 ~ 6 تالدىن ئاخشىمى ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 سېرىق ھېلىلە پوستى 30 گرام، تەمرى ھىندى 60 گرام، ئەينۇلا 30 دانە، سەرپىستان، بىنەپشە، سېرىق ئوت ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى 15 گرامدىن، پۇنۇس 75 گرام، تەرەنجىبىن 60 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى سۇغا بىر سوتكا چىلاپ قويۇپ، ئەتىسى قاينىتىپ تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، مەتبۇخ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش
يىڭناسقۇ | UyghurWiki | UyghurWiki