بۆرەك زەئىپلىكى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، ھەرخىل ئىچكى تەسىرلەردىن بىر بۆرەك ياكى ھەرئىككى بۆرەكنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش ۋە چىقىرىش خىزمىتى بۇزۇلۇش ۋە توسقۇنلۇققا ئۇچراش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
بەل ئاغرىش، جىنسىي قۇۋۋەت ئاجىزلاش، سۈيدۈك قېتىمى ئازىيىش، ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
پىستە مېغىزى، پىندۇق مېغىزى، بادام مېغىزى، ھەببەتۇلخۇزرا مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى، ھەببى زەلەم مېغىزى، ماھى روبيان، خولىنجان، شاقاقۇل، قىزىل بەھمەن، ئاق بەھمەن، سېرىق تۇدەرى، قىزىل تۇدەرى، زەنجىۋىل، كۈنجۈت مۇقەششەر، دارچىن 15 گرامدىن، سۇمبۇل، سۆئدى كۇپى، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن، ھەببى قەلقەل ئۇرۇقى، بېدە ئۇرۇقى، ھەلىيۇن ئۇرۇقى، ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى، دۇرۇنەج ئەقرەبى، زورەنبات توققۇز گرامدىن، جويۇز، بەسباسە، پىلپىل ئالتە گرامدىن، سۆئلەپ، يېڭى نارجىل، قۇشقاچ مېڭىسى، كۆكنار ئۇرۇقىنىڭ يېغى 30 گرامدىن، قۇرۇتۇلغان بۇقا ئالىتى، سۆرۈنجان، بوزىدان، پىننە، زەپەر، مەستىكى 12 گرامدىن، ئۇدخام سەككىز گرام، تىللا ۋاراق 30 تال، كۈمۈش ۋاراق 50 تال، ئەنبەر تۆت گرام، ئىپار ئىككى گرام، ھەسەل 140 گرام، مەرۋايىت، كەھرىۋا، مارجان، ھېقىق يەمەن، قىزىل ياقۇت 16 گرامدىن.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
مېغىز دورىلاردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، مەرۋايىت، مارجان، ئەنبەر، كەھرىۋا، زەپەر، ھېقىق، ياقۇت دورىلارنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سەۋزە ئۇرۇقى، كەرەپشە ئۇرۇقى، بېدە ئۇرۇقى، جۇۋىنە، ئارپىبەدىيان، قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، كەرەپشە يىلتىزى پوستى 15 گرامدىن، ئاقىرقەرھا، سەلىخە، زەپەر، مەستىكى، ئۇدخام ئالتە گرامدىن، بەسباسە، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن، قارىمۇچ توققۇز گرامدىن، قەنت 190 گرام، ھەسەل 200 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قەنتنى ھەسەلدە ئېرىتىپ، باشقا دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن دورا مۇۋاپىق مىقداردا ئەرەقى بەدىيان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ياڭاق مېغىزى، بادام مېغىزى، ئۇرۇقسىز قىزىل ئۈزۈم، ناۋات، ھەسەل تەڭ مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۈزۈمنى خېمىردەك ئىزىپ، ھەسەلنى قاينىتىپ كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، ئاۋۋال ئۈزۈمنى، ئاندىن باشقا دورىلارنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.