UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشكۆز قوتۇرى

كۆز قوتۇرى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش ۋە كېسەل كىشىنىڭ ئىشلەتكەن لۆڭگە ۋە باشقا سايمانلىرىنى ئىشلىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: دەسلەپتە كۆزگە بىر نەرسە كىرىۋالغاندەك سېزىلىش، كۆز قىچىشىش، چاپاقلىشىش، قاپاقلىرى چاپلىشىپ قالغاندەك، كۆزگە قۇم تىقىلغاندەك مەلۇم بولۇش، قاپاق ئىچى تەرىپىگە مۇدۇرلار پەيدا بولۇش، كېيىنچە مۇدۇرلار بىر - بىرىگە قوشۇلۇپ جاراھەت ھاسىل قىلىش، كۆز ياشاڭغىراش، كېيىنچە جاراھەتلەر كۆز ئالمىسىنى كاردىن چىقىرىپ تاشلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 شادنەج، يۇيۇلغان ئەدەس 30 گرامدىن، كۆيدۈرۈلگەن مىس 25 گرام، كەتىرا، سەمغى ئەرەبى، مۇرمەككى ئالتە گرامدىن، بىخ مارجان، كەھرىۋا، تېشىلمىگەن مەرۋايىت، سازەج ھىندى 12 گرامدىن، خۇنسىياۋشان، زەپەر ئۈچ گرامدىن. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تۇخۇم ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ شىياف تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم قاپاقنى ئۆرۈپ تۇرۇپ سۈركىلىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 سەبرە سۇقۇترى 30 گرام، تۇربۇت 20 گرام، سېرىق ھېلىلە پوستى 15 گرام، سوقمۇنىيا 10 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇدا يۇغۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئاخشىمى ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 تۇخۇم سېرىقى، گۈل يېغى مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 تۇخۇم سېرىقى بىلەن گۈل يېغىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم قاپاق ئۈستىگە چېپىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش