قان ئازلىق
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، بەدەنگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، يىلىكنىڭ قان ئىشلىشى ناچار بولۇش ياكى قاناش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ئومۇمىي بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، باش ئاغرىش، تېرە تارتىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئاچچىق ئانار سۈيى 500 گرام، تاتلىق ئانار سۈيى بىر كىلوگرام، شېكەر ئۈچ كىلوگرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى قاينىتىپ قىيام قىلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 50 گرام ئىستېمال قىلىنىدۇ ( بالىلارغا ئازايتىلىدۇ).
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
پىلپىل، قارىمۇچ، دارچىن، ئامىلە مۇقەششەر، بەلىلە پوستى، شاترەنج ھىندى، يۇمىلاق زىراۋەندە، سۆئلەپ، چىلغوزا، بابۇنە يىلتىزى، نارجىل، شاقاقۇل 10 گرامدىن، بابۇنە ئۇرۇقى بەش گرام، كىشمىش ئۈزۈم 30 گرام، ھەسەل ئىككى ھەسسە.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قارا ھېلىلە، بەلىلە، يۇلغۇن مېۋىسى، زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن تۆمۈر پوقى، سۇمبۇل، كۇندۇر، ئىزخىر، سۆئدى كۇپى، زەنجىۋىل، قارىمۇچ، جۇۋىنە تەڭ نىسبەتتە، ئامىلە سۈيى، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئامىلە سۈيى بىلەن ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيام قىلىپ، دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.