UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشئۆپكە سىلى

ئۆپكە سىلى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئۆپكە سىل كېسەللىكى مىكروبى بىلەن يۇقۇملىنىش، كېسەللىك مىكروبى قان ۋە لىمفا سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق ئۆپكىگە كېلىپ، ئۆپكە توقۇلمىلىرىدا زېدىلىنىش پەيدا قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: كېچىسى تەرلەش، چۈشتىن كېيىن قىزىتىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسىزلىق، كالتە يۆتەل ۋە ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 يىلان 20 گرام، تاباشىر، كۇندۇر، سەمغى ئەرەبى، گىلى ئەرمىنى 10 گرامدىن، ھەببۇلئاس، نىشاستە، كەتىرا، بادام مېغىزى، كۆكنار ئۇرۇقى 20 گرامدىن، ئۈچ ھەسسە. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 قارىمۇچ، ئاقمۇچ، ئاق بەزرۇلبەنجى 80 گرامدىن، ئەپيۈن 40 گرام، زەپەر 20 گرام، سۇمبۇل، ئاقىرقەرھا، پەرپىيۇن، لىسانىل ئاساپىر تۆت گرامدىن، ھەسەل 900 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل سوۋۇغاندىن كېيىن زەپەرنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئارقىدىن ئەپيۈننى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، كېيىن قالغان دورىلارنى سېلىپ ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. زەپەر بىلەن ئەپيۈن ئايرىم سوقۇلىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 3.0 ~ 5.0 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا بولمايدۇ). 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 چامغۇر 500 گرام، ھەسەل 500 گرام، سۇ مۇ ۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 چامغۇرنى سۇدا قاينىتىپ سۈزۈۋېلىپ، سۈيىگە ھەسەلنى سېلىپ يەنە قاينىتىپ قىيام بولغاندا چامغۇرنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش