UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشسىيىپ يېتىش

سىيىپ يېتىش

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئومۇمىي بەدەننىڭ سوغۇقى ئېشىپ كېتىش ياكى نېرۋىنىڭ باشقۇرۇشى ئاجىزلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: كېچىسى ئۇخلاۋېتىپ ئورنىغا سىيىپ قويۇش، بەزىدە ئويغاق ھالەتتىمۇ سۈيدۈكىنى تۇتالماي، سىيىپ سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 كۇندۇر، ئانارگۈلى، بەللۇت، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 12 گرامدىن، زىرە، تاغ زىرىسى، جۇۋىنە ئالتە گرامدىن، ئامىلە، بەلىلە، سېرىق ھېلىلە، قارا ھېلىلە تۆت گرامدىن، سىيادان سەككىز گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 مۇرمەككى، كۇندۇر، ئاقاقىيا، شىيافى سامسا ئالتە گرامدىن، زەمچە توققۇز گرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 21 گرام، ئاق زەنجىۋىل، زىغىر، كابۇل ھېلىلىسى پوستى 30 گرامدىن، ھەسەل ئىككى ھەسسە. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ). 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 چىگىت مېغىزى، ياڭاق مېغىزى مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇم ئىككى دانە، سۇ ئىككى چىنە. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 مېغىزلارنى تۇخۇم بىلەن سۇدا قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم تەييارلاپ تۇخۇمىنى يەپ، سۈيى ئىچىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش
سىيىپ يېتىش | UyghurWiki | UyghurWiki