UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئويۇنلىرىھېيتگاھتىكى ساما ئۇسسۇلى

ھېيتگاھتىكى ساما ئۇسسۇلى

ئۇيغۇر ئويۇنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ھەيۋەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك ھېيتگاھ جامائەسىنىڭ ئالدىدىكى كەڭ كەتكەن مەيدان ھەر يىلى قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيت كۈنلىرى ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ. بۇ مەيداندا قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ئۆزىگە خاس مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە بولغان ساما ئۇسسۇلىنى ئويناش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تولۇپ تاشقان خۇشاللىق ھېسسىياتلىرىنى نامايان قىلىشىدۇ. ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى سەھەردە نەچچە ئون مىڭ كىشى ھېيتگاھ جامائەسىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا سەپ - سەپ بولۇپ ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، جامائە دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان پىششىق كېسەكلىك ئېگىز پەشتاق ئۈستىدە ناغرا بىلەن سۇناينىڭ يېقىملىق ئاۋازلىرى ياڭرايدۇ. پەشتاق ئالدىدىكى ئازادە، كەڭ مەيدانغا ھېيت نامىزىدىن جامائەت توپلىشىپ مىڭلىغان كىشى ئارقا - ئارقىدىن ساما ئۇسسۇلى ئويناشقا باشلايدۇ. ھەش - پەش دېگۈچە بۇ جايغا ساما كۆرگۈچىلەر توپلىشىپ نەچچە رەت چەمبەر ھاسىل قىلىدۇ. ھەتتا پەشتاقنىڭ ئىككى يېنىدا قەد كۆتۈرگەن ئوتتۇز نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇنارنىڭ ئۈستىمۇ ئادم بىلەن لىق تولىدۇ. ساما ئاساسەن ئەرلەر تەرىپىدىن ئوينىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلى بولۇپ، چوڭ كىشىلەردىن تارتىپ بالىلارغىچە ھەممىسى ئىشتىراك قىلىنىدۇ. كىم ئويناشنى خالىسا مەيدانغا چۈشۈپ ئويناۋىرىدۇ. ساماچىلارنىڭ سانى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. ھەتتا بىر قېتىمدا نەچچە يۈز كىشى ساما ئوينايدۇ. ساماغا چۈشكەن ئادەملەرنىڭ كۆپ بولۇشىغا قارىماي، چېلىنىۋاتقان ناغرا - سۇناينىڭ رىتىمىغا ماس ھالدا ناھايىتى رەتلىك ۋە قائىدىلىك ئوينىلىدۇ. ساما ئۇسسۇلى باشقا ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىغا ئوخشاشمىغان ھالدا ئەڭ زور كوللېكتىپچىلىققا ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسسۇل ھەرىكىتىگە ئىگە بولغاچقا، ئادەتتىكى ئۇسسۇلچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوينىيالىشى ناتايىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ساما ئۇسسۇلى مەردانىلىك ۋە باتۇرلۇقىنى ئىپادىلەيدىغان سىرلىق مەزمۇنغا ئىگە. ساما ئۇسسۇلى ئۈچۈن ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئىچىدىكى بايرام تەنتەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان ناخشا - كۈيلەر تاللىۋېلىنغان بولغاچقا، بۇ ئۇسسۇلنىڭ مۇزىكىدارلىقى ۋە تەنتەنىنى ئىپادىلەش خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى ناغرا - سۇناينىڭ ياڭراق ئاۋازىغا ماس ھالدا ساماچىلارنىڭ پۇت - قوللىرى بىر خىل تەرتىپلىك ۋە رىتىملىق ھەرىكەت قىلىدۇ. ئايلىنىش ھەرىكەتلىرىمۇ تەكشى ۋە قائىدىلىك بولغاچقا، بىرلا ۋاقىتتا يۈزلىگەن كىشى ساما سالسىمۇ بىر - بىرىگە سوقۇلۇپ كېتىدىغان قوپال ھەرىكەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. باشقا جايلاردىن كېلىپ قالغان ساياھەتچىلەر بۇنداق ھەيۋەتلىك ئۇسسۇل مەنزىرىسىنى كۆرۈپ <بۇنداق چوڭ كوللېكتىپ ئۇسسۇلىنى قانچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىرلىككە كەلتۈرگەندۇ؟> دەپ ھەيران قېلىشلىرى مۇمكىن. لېكىن، ساما ئۇسسۇلى ئۈچۈن ئالدىنئالا تەييارلىق مەشىقى قىلمايدۇ. ئۇ پەقەت خەلقنىڭ بىر خىل ئەنئەنىۋى پائالىيىتى بولۇپ، بايرام تەنتەنىسى ھەممە كىشىنى ئىختىيارسىز ساما سېلىشقا ئۈندەيدۇ. ساما ھېيت كۈنلىرى ئەتىگەندىن - كەچكىچە كۈن بويى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ. ساماچىلار قانچىلىك ۋاقىت ئوينىسا ئۆزىنىڭ ئىختىيارى، ناغرا - سۇنايچىلار ئادەتتە بىرەر سائەت ئەتراپىدا بىر خىل ئاھاڭغا ئۆزگەرتىپ ھارماي چالىدۇ. بىرەر مۇقام ئاخىرلاشقانا ئون - ئون بەش مىنۇت دەم ئېلىۋېلىپ يەنە باشلايدۇ. ساماچىلار ھېرىپ - چارچىسا ئۆزلۈكىدىن توختاپ، تاماشىبىنلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلىدۇ. لېكىن، ساما مۇزىكا توختىمىغۇچە زادى توختاپ قالمايدۇ. بەلكى بەس - بەستە بىرىنىڭ ئورنىغا بىرى مەيدانغا چۈشۈپ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. بەزى ساما مەستانىلىرى ئۇسسۇلنى كۆپ ئويناپ ھېرىپ - چارچىغانلىقتىن ھوشىدىن كېتىپ يېقىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىدۇ. قىسقىسى، ساما سېلىش قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنى بىر خىل تىلسىملىق كۈچ بىلەن ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ. ساما ئۇسسۇلىنىڭ خاراكتېرىدىن قارىغاندا ئۇنىڭدا غەلىبىنى ۋە شاد - خۇراملىقنى تەنتەنە قىلىش مەزمۇن قىلىنغان. ساما ئۇسسۇلىنىڭ تارىخىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن. قەدىمكى كوللېكتىپ ئوۋچىلىق دەۋرلىرىدىلا ئوۋدىن غەلىبىلىك قايتىپ كەلگەندن كېيىن ئۇرۇق - قەبىلىلەر بويىچە بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئوۋ غەلىبىسىنى تەبرىكلەپ كوللېكتىپ ئۇسسۇل ئويناش ئادىتى بار ئىدى. شامانىزم دەۋرىدە ساماغا چوقۇنۇش ئاساسىي ئورۇندا تۇرغاچقا، غەلىبە تەنتەنىسى بەدىلىگە ئوينىلىدىغان بۇنداق كوللېكتىپ ئۇسسۇل ساما ئۇسسۇلى دەپ ئاتالغانلىقى مەلۇم. ئېيتىلىشىچە، ئىسلام دىنىنىڭ غازات ئۇرۇشلىرىدا جەڭگە ئاتلىنىش ئالدىدا ناغرا بىلەن سۇناي چېلىنىدىكەن. جەڭدە غەلىبە قىلسا غەلىبىنى تەنتەنە قىلىش يۈزسىدىن ناغرا بىلەن سۇناينى تەڭكەش قىلىپ كوللېكتىپ ئۇسسۇل ئوينالغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەقەت قۇربان ھېيت بىلەن روزا ھېيت كۈنلىرىدىلا مۇشۇنداق كوللېكتىپ ساما ئۇسسۇلى ئارقىلىق ھېيت خۇشاللىقىنى تەنتەنە قىلىش ئادىتى شۇ قەدىمكى ئەنئەنە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. مەيلى ئۇنىڭ قايسى تارىخىي ئەنئەنىگە باغلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ساما ئۇسسۇلى شىنجاڭدىن ئىبارەت ناخشا - ئۇسسۇل ماكانىنىڭ سىمۋولىدۇر.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئويۇنلىرى