UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئويۇنلىرىئىت تالاشتۇرۇش ئويۇنى

ئىت تالاشتۇرۇش ئويۇنى

ئۇيغۇر ئويۇنلىرى ئىت تالاشتۇرۇش - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىدىن بىرى. ئۇ قىزىقارلىق بولۇپ، تاماشىبىنلارنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئىت تالاشتۇرۇش ھەۋەسكارلىرى كۆپىچنە كۈچۈك بۆرە ئىت، تايغان ئىتلارنى تاللاپ بېقىپ تالاشتۇرۇشقا سالىدۇ. ھەتتا ياخشى تالىشىدىغان ئىتلارنى خېلى جىق پۇللارغا سېتىۋالىدۇ. ئىت تالاشتۇرۇش كۆپىنچە يېزا - بازار كۈنلىرى، ھېيت - بايرام كۈنلىرى كىشىلەر توپلاشقان سورۇنلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىت تالاشتۇرغاندا، ئىككى ئىتنى سورۇنغا قويۇپ بېرىدۇ. ئىتلار تالىشىپ، ئۇرۇشۇپ، بىر - بىرىنى چىشلەپ بوغىدۇ، ھەتتا پۇتلىرىنى چاينىۋېتىدۇ. ئىت تالاشتۇرۇش جەريانىدا غىڭشىپ قۇيرقىنى تىقىۋېلىپ تۇرۇۋالغان ياكى قاچقان ئىت يېڭىلگەن ئىت ھېسابلىنىدۇ. ئىتلار خېلى ئۇزۇن ۋاقىت تالىشىدىغانلىقى ئۈچۈن، يەڭگەن ئىتقا دەرھال يەنە بىر ئىتنى تالاشتۇرۇش سالمايدۇ. بۇ ئويۇن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا - بازارلىرىدا كۆپرەك ئېلىپ بېرىلىدۇ. كۆرگۈچىلەر ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، يەڭگەن ئىتنىڭ ئىگىلىرى غەلىبە قۇچۇپ قايتقان باتۇر - ئەزىمەتلەرنىڭ ئىنتايىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدۇ. ئىت تالاشتۇرۇش ھەۋەسكارلىرى داڭق چىقارغان ئىتلارنى ئاڭلىسا، يۇرت ئاتلاپ بېرىپ ئىتلىرىنى تالاشتۇرىدۇ. ھازىر بەزى يېزا - بازارلىرىدا مەخسۇس ئىت تالاشتۇرۇش سورۇنلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئويۇنلىرى