UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئويۇنلىرىدارۋازلىق ۋە دار

دارۋازلىق ۋە دار

ئۇيغۇر ئويۇنلىرى دارۋازلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. ئۇ ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، باشقا تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىن پەرقلىنىدۇ. دارۋازلىق ھەرىكىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەش ئوڭاي ئەمەس. ئۇ نەزەرىيە جەھەتتىن بولسۇن، ئەسلىي ھەرىكەتتە بولسۇن، يۇقىرى تېخنىكىلىق ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ. دارۋازلىق ھەرىكىتى ھاۋا بوشلۇقىدا ئېلىپ بېرىلىدىغاچقا ماھارەتچىنىڭ تەڭپۇڭلۇق مەركىزىنى توغرا ئىگىلىشى دارۋازلىق ھەرىكىتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىللىرىنىڭ بىرى. شۇڭا بۇ خىل تەنھەرىكەتنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ. دارۋازلىق يەر ئۈستى ماھارىتى، دار ئۈستى ماھارىتى، چىغرىقتا كۆرسىتىدىغان ماھارەت، سەنئەتكارلىق، سېھىرگەرلىك قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئويۇنلىرى
دارۋازلىق ۋە دار | UyghurWiki | UyghurWiki