UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىخېۋىر تۆمۈر

خېۋىر تۆمۈر

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر 1922 - يىلى توقسۇن ناھىيسىنىڭ يېڭى مەھەللە دېگەن يېرىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ساۋاتىنى يۇرتىدا چىقارغاندىن كېيىن، توقسۇن ۋە كۇچا قاتارلىق جايلاردا ئوقۇپ، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيسىنى ئالغان، 1937 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن، 1939 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ توقسۇنغا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1945 - يىلى توقسۇندىن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ بېرىپ، مەتبۇئات - نەشرىيات ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن. خېۋىر تۆمۈر كېيىنكى مەزگىللەردە سىياسىي جەھەتتىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۇزاق مەزگىل سورۇقچىلىق تارتقان، 1979 - يىلى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تارىخ ماتېرىياللىرى تەتقىقات ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن، 1992 - يىل 1 - ئاينىڭ 92 - كۈنى 70 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. خېۋىر تۆمۈرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1944 - يىلى ئېلان قىلىنغان شېئىرىدىن باشلانغان بولۇپ، ئاساسەن 80 - يىللاردا ئىجادىيەتتە ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن. مۇشۇ يىللاردا ئۇ <موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە>، <بالدۇر ئويغانغان ئادەم>، <ئابدۇقادىر داموللام> قاتارلىق چوڭ ھەجىملىك تارىخىي تەزكىرىلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئۇيغۇر تەزكىرە ئەدەبىياتىغا چوڭ تۆھپە قوشقان. ئۇ يەنە <ئىككى ئانا>، <كەلدى باھار> قاتارلىق درامىلارنى يېزىپ چىققان. خېۋىر تۆمۈر كېيىنكى يىللاردا شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا ئائىت تارىخىي ۋەقەلەر، تارىخىي شەخسلەر ھەققىدىمۇ ئاز بولمىغان ئەسلىمىلەرنى، ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان. ئۇنىڭ <موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە> ناملىق ئەسىرى ئاساسىدا <موللا زەيدىن> ناملىق كىنو فىلىمى ئىشلەنگەن. خېۋىر تۆمۈرنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە> (1 - قىسىمى 1982 - يىلى، 2 - قىسمى 1990 - يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <بالدۇر ئويغانغان ئادەم> (1987 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <تاڭ ئالدىدا> (1988 - يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە> (1980 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) قاتارلىقلار بار. خېۋىر تۆمۈر ھايات ۋاقىتدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
خېۋىر تۆمۈر | UyghurWiki | UyghurWiki