ئىمىن تۇرسۇن
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن 1924 - يىل 10 - ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەرىپەتپەرۋەر قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دەسلەپ دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ئەرەب - پارس تلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگەنگەن، 1938 - يىلدىن 1941 - يىلغىچە ئۆلكىلىك 1 - گىمنازىيىدە ئوقۇغان، مۇشۇ جەرياندا سىرتتىن ئوقۇپ رۇس تىلى ۋە خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە، چىرىيە ناھىيسىدە مائارىپ ۋە مەمۇرىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، 1950 - يىلدىن 1983 - يىل 10 - ئايغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئشىلىگەن، 1991 - يىلى پېنسىيگە چىققان.
ئىمىن تۇرسۇن ئەدەبىيات ساھەسىگە 1941 - يىلى ئېلان قىلىنغان <مېنىڭ مومام> ناملىق شئېىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن نۇرغۇن شېئىر، باللادا، داستانلارنى يېزىپ ئېلان قىلىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلىرىمىزدىن بىرى بولۇپ قالغان. ئۇ يەنە ئەدەبىيات تەتقىقاتى، كلاسسىك ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلاش، تىل تەتقىقاتى، ئەدەبىي تەرجىمانلىق، لۇغەتچىلىك ... قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە <ئۇلۇغ ئالىمنىڭ نادىر ئەسىرى>، <ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسرى <تۈركى تىللار دىۋانى>، <زەلىلى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە> قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ يەنە <تۈركىي تىللار دىۋانى> قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلاشقا قاتناشقان ھەم نەشرگە تەييارلىغان. <ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش پرىنسىپلىرى>، <شېئىرىيىتىمىزنىڭ تىلى ھەققىدە>، <خاقانىيە تىلى ۋە خوتەن شىۋىسى> قاتارلى ماقالىلەرنى، <ئۇيغۇر تىلىدىن ئاساس> قاتالىق كىتابلارنى يازغان، <يەنئەن ئەدەبىيات - سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇق>، <قىزىل بايراق شەجەرىسى> قاتارلىق بىر مۇنچە ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان، <خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە قىسقىچە لۇغەت> نى تۈزۈشكە قاتناشقان.
ئىمىن تۇرسۇننىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ھەۋەس> (1985 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <سەپەر سەزگۈلىرى> (1988 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى، <تارىمدىن تامچە> (1990 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ئىلمىي - نەزەرىيىۋى ماقالىلەر توپلىمى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن، بەزى ئەسەرلىرى مۇكاپاتلانغان.
ئىمىن تۇرسۇن ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي ھەيئەت ئەزاسى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.