UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىغوپۇر

غوپۇر

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى غوپۇر تۇەنجاڭ توقسۇننىڭ قاراسۇ دېگەن يېرىدە دىنىي زات ئارىز ھاجى ئائىلىسىدە 1901 - يلى تۇغۇلىدۇ. ئۇ دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، يېتىلگەن ئوقۇمۇشلۇق كىشى. 1931 - يىلى ما جۇڭيىڭ قىسمىلىرى تۇقسۇندا چوڭ قىرغىنچىلىق قىلغاندا، غوپۇر تۇەنجاڭ خەلق قوزغىلاڭچىلىرىغا قوشۇلۇپ، ما جۇڭيىڭغا قارشى ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇ مەھمۇت مۇھىتى، ماشىمڭلار تۇرپاندىن قارا شەھەرگە چېكىنىش ئۈچۈن، توقسۇندىن ئۆتكەندە، ئەمەت مەسۇم (ئەمەت تۇەنجاڭ) لار بىلەن بىرگە مەھمۇت سجاڭ قوشۇنىغا قوشۇلىدۇ ۋە مەھمۇت سىجاڭ ئۇششاقتال، قارا شەھەر، كورلىلاردا ماجۇڭيىڭ قىسمى بىلەن قىلغان ئۇرۇشتا باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، ليەنجاڭ، كېيىن يىڭجاڭ، قەشقەر يېڭىشەھەردە، تۇەنجاڭ بولىدۇ. (شۇ ئۇرۇشتا بىر گە خىزمەت كۆرسەتكەن قەشقەرلىق ئابدۇشۇكۇر ئاخۇنمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، تەنفۇ، مۇئاۋىن تۇەنجاڭ بولىدۇ). كېيىن 6 - دىۋىزىيە قىسملىرىنى رەتلەش ئېلىپ بېرىلغاندا غوپۇر تۇەنجاڭ تاشكەنتتىكى ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ. ئۇ ئوقۇشتىن قايتىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ مەھمۇت سجاڭنى قەستلەش توغرىسىدىكى تاپشۇرۇقلىرىغا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمەيدۇ، بەلكى ئۇ ئىشنى باشقىلار ئارقىلىق مەھمۇت مۇھىتىغا يەتكۈزىدۇ. 1937 - يىلى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى مەھمۇت سجاڭ چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، غوپۇر تۇەنجاڭ بىلەن ئابدۇشۇكۇر تەنفۇلار قۇرباننىياز شاھىدى (ۋاقىتلىق سجاڭ)، ئەمەت تۇەنجاڭلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى