قەشقەردىكى بەش ئەزىمەت
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شېڭ شىسەي ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال تەشكىلى شىنجاڭ خىزمەتلىرىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۆپلىگەن ياراملىق خادىملارنى شىنجاڭغا ئەۋەتىدۇ ۋە يەرلىك كادىرلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرىدۇ. بىز مەزكۇر ماقالىدە ئېغىزغا ئالغان مۆمىن ھەمرايوف (ئالىم ئابدۇللا)، بارات مۇھەممىدى، ئابدۇشۈكۈر روزى باقىيۇف، نىزامىدىن سالىيوف، ئىلگىرىرەك كەلگەن قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىق كىشىلەر 1930 - يىللاردا شىنجاڭغا كىرىپ، ئىلى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا خىزمەت ئىشلەيدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالىم ئابدۇللا(ئەسلى ئىسمى مۆمىن ھەمرايوف) 1937 - يىلى كۆپلىگەن ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرگە شىنجاڭغا كىرىپ، خىزمەت ئىشلىگەنلەرنىڭ بىرى.
مۆمىن ھەمرايوف 1908 - يىلى ئالمۇتا ئوبلاستى ئۇيغۇر رايونىنىڭ نارىن يېزىسىدا ھۈنەرۋەن ئائىلىدە تۇغۇلۇپ، ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە باشلانغۇچ مەكتەپنى ئالمۇتادا ئوقۇيدۇ. 1927 - يىلى تاشكەنتتىكى ئوقۇتقۇچىلار يېتىشتۈرۈش تېخنىكومىنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، سۈرخەن دەريا ئوبلاستىدا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، كېيىن تاشكەنىتتە ئۇيغۇرچە گېزىتكە مۇخبىر بولىدۇ. شۇ يىللاردا <ئېغىر كۈنلەردە>، <مەيداندىن ئاۋاز> قاتارلىق پوۋېستلار ۋە بىر قاتار ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىدۇ. 1934 - يىلى ئېلان قىلغان <دولقۇنلار ئارىسىدا> ناملىق رومانى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلىدۇ. 1936 - يىلى ئۆزبېكىستاندا يۈز بەرگەن چوڭ تۇتقۇندا قولغا ئېلىنىدۇ. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، شەرق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدۇ. 1937 - يىلى تاشكەنىتتە قۇرلغان چەت ئەل مۇھاجىرلار كومىتېتى مۆمىن ھەمرايوفنى ئالىم ئابدۇللا نامى بىلەن تاشقورغان ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرگۈزىدۇ. ئۇ سەپداشلىرى بىلەن يەكەنگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي سېزىلىپ قىلىپ يەكەندە قولغا ئېلىنىدۇ. بىر يىلدەك تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدۇ. 1939 - يىلىدىن باشلاپ ئالىم ئابدۇللا قەشقەردە ئەسلىدىكى <يېڭى ھايات گېزىتى> گە ئۆزگەرتىلگەن( دە تەھرىر بولۇ، ئىشلەيدۇ. بۇ يىللاردا ئالىم ئابدۇللا <ئۇستا ئالىم>، <دولانى> دېگەن تەخەللۇسلاردا شېئىر، ماقالىلار ئېلان قىلىدۇ. 1942 - يىلى ئالىم ئابدۇللا تاشكەنىتتە بىللە ئوقۇغان، شىنجاڭ خىزمىتىدە بىرگە بولغان 140 نەچچە ساۋاقداش، بۇرادەرلىرى بىلەن بىر ۋاقىتتا قولغا ئېلىنىپ، يەكەندە تۈرمىگە قامىلىدۇ. 1945 - يىلى 5 - ئايدا 140 نەچچە كىشىدىن ھايات قالغان ئالىم ئابدۇللا، نىزامىدىن سالىيوف، بارات مۇھەممىدى، ئەكرەش ھاجى)ئۆزبېك(، تىلەۋباي)قىرغىز(، مىرزا مەخمۇت قاتارلىق 14 كىشى يەكەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ كېپىللىك قىلىشى بىلەن قويۇپ بېرىلىدۇ. كېيىن ئۇلار يۇشۇرۇن ھالدا قەشقەرگە كېتىپ، تاشقورغاننى بازا قىلغان جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ قوراللىق كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تەركىبىدە يەر ئاستى خىزمەت ئىشلەيدۇ. تىلەۋباي ئوپال تاشمىلىق تەرەپلەردە پارتىزان تەشكىللەش ۋە قوراللىق قوزغىلاڭغا تەييارلىق قىلىش ئىشىنى ئىشلەيدۇ. نىزامىدىن سالىيوف دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تەشكىللەش، نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. بارات مۇھەممىدى ئاشخانىلاردا تاماق توشۇغۇچى، نان ساتقۇچى بولۇپ تۇرۇپ، يەر ئاستى خىزمەت ئىشلەيدۇ. ئالىم ئابدۇللا ئىلگىرى ئىشلەنگەن <قەشقەر شىنجاڭ> گېزىتىگە تەھرىر بولۇپ ئورۇنلىشىدۇ. بېىم مەزگىلىدە <قەشقەر شىنجاڭ> گېزىتى <ئاڭ> گېزىتىگە ئۆزگەرتىپ، ئالىم ئابدۇللا گېزىتخانا باشلىقى ۋە باش مۇھەررىر بولىدۇ. 1946 - يىلى 10 - ئايدا خەلقچىل سايلام باشلىنىپ، جاڭ جىجۇڭ ۋە قەشقەرگە كەلگەن مەزگىلدە، بىز بەش ئەزىمەت دەپ ئاتىغان نىزامىدىن ساليوف، ئالىم ئابدۇللا، بارات مۇھەممىدى، قاسىمجان قەمبىرى، ئابلىز مۇھەممىدىلار جاي - جايلاردىكى ئىلغار كىشىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، گومىنداڭغا قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، گومىنداڭنى 11 بېتىمنى ئىجرا قىلىشقا قىستاشقا تەلەپ قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. شۇ كۈنلەردە بۇ بەش كىشى قەشقەردە <خئىپ> )خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى( نى قۇرىدۇ. ھەر قايسى مەكتەپ ۋە ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرىدا شاپىگراف بىلەن گېزىت، تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى بېسىپ تارقىتىپ، گومىنداڭغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.
1947 - يىلى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى قەشقەردە 11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمىنى بۇزۇپ، ئىلغارلارنى تۇتقۇن قىلىدۇ. بۇ تۇتقۇن قىلىشنىڭ نىشانى يۇقىرىدا ئېيتىلغان بەش ئەزىمەت بولۇپ، ئۇلار قولغا ئېلىنىپ، قەشقەر يېڭىشەھەر تۈرمىسىگە قامىلىدۇ. 1949 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تۈرمىدىن بوشايدۇ. شۇ يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۆلكە رەئىسى بۇرھان شەھىدى قاسىمجان قەمبىرى، ئالىم ئابدۇللا، بارات مۇھەممىدى، نىزامىدىن سالىيوف، ئابلىز مۇھەممىدىلەرگە تېلېگرامما يوللاپ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ خىزمەت ئىشلەشكە چاقىرىدۇ. 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى بۇلار ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئالىم ئابدۇللا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەپتىشى، بارات مۇھەممىدى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئابلىز مۇھەممىدى ئۆلكىلىك بانكا باشلىقى، قاسىمجان قەمبىرى ئۆلكىلىك مەركىزىي ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشما رەئىسى، نىزامىدىن سالىيوف شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇلار ئۈرۈمچىگە كېلىپلا ئۈرۈمچىدە <ھەقىقەت گېزىتى> تەسىس قىلىپ، گېزىت ئارقىلىق گومىنداڭنىڭ مەغلۇبىيىتى، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ غەلبىلىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ. 1950 - يىلى ئالىم ئابدۇللا قاراماي نېفىت باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. 1951 - يىلى ئۆلكىلىك كادىرلار مەكتىپىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇيدۇ. كېيىن مەدەنىيەت نازارىتىگە مۇئاۋىن نازىر بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەي، 1955 - يىلى 5 - ئايدا قۇربان ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى ئاخشامدا تۇرپانغا كېتىۋېتىپ، سەيئوپودا ماشىنا ئاغدۇرۇلۇپ ۋاپات بولىدۇ. نىزامىدىن سالىيوف، بارات مۇھەممىدىلار ئۆز ۋەتىنىگە قايتىدۇ. قالغان ئىككى كىشى شىنجاڭدا ۋاپات بولىدۇ.