UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىسىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ

سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى (مىلادىيە 850 - 1250 - يىللار) دەۋرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى خېلى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ دەۋر ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا، جۈملىدىن، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن پارلاق دەۋر ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەۋر نۇرغۇنلىغان شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمانلار مەيدانغا كەلگەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئىجاد قىلغان ئەسەرلىرى، سانسىكرىت، توخرى، خەنزۇ، سوغدى، تۆبۈت (تىبەت) تىللىرىدىن قىلغان تەرجىمىلىرى ئارقىلىق ئەينى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپىلەر قوشقانىدى. سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ خەنزۇ تىلىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا ئەسەر تەرجىمە قىلغان شۇ دەۋردىكى تەرجىمانلار ئىچىدە ئەسەرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقى، تەرجىمە ماھارىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىي تەرجىمان بولۇش بىلەن بىللەن، ئەينى دەۋر ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان ئالىمدۇر. سىڭقۇ سەلىنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان تەرجىمە ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: 1. «ئالتۇن يارۇق» - گېرمانىيىنىڭ 3 - قېتىملىق ئارخېئولوگىيە ئەترىتى 1906 - 1907 - يىللىرى تۇرپان مۇر تۇقتىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «ئالتۇن يارۇق» نىڭ ئونچە ۋارىقىنى تېپىپ ئېلىپ كەتكەن. 1908 - يىلى مۈللىر (F.W . MULLER )(بۇ ۋاراقلارنى ئېلان قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 56 . V . Tiiit )نومۇرلۇق ۋاراقتا «بېشبالىقلىق سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ خەنزۇ تىلىدىن تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلغان» لىقى يېزىلغان. 1910 - يىلى مالوۋ (MALOV . E . S) گەنجۇدىكى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىڭ شگۇ دېگەن تاغلىق كەنتىدىن «ئالتۇن يارۇق» نىڭ كاڭشىنىڭ 26 - يىلى (1687 - يىلى) غا تەۋە بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ياغاچ باسما نۇسخىسىنىڭ 397 - ۋارىقىنى تېپىپ ئېلىپ كەتكەن. ئۇنىڭ خاتىمىسىدە: «... بېشبالىقلىق سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ خەنزۇ تىلىدىن تۈرك - ئۇيغۇر تىلىغا ئىككىنچىلەپ تەرجىمە قىلغان ئالتۇن ئۆڭلۈك نۇرلۇق - يالتىراقلىق ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان نوم پادىشاھى ئاتلىق نوم پۈتۈك تۈگىدى» دېگەن سۆزلەرمۇ بار. «ئالتۇن يارۇق» _ بۇددا دىنىي ئەقىدىلىرى تەشۋىق قىلىنىدىغان ھېكايە، قىسسەلەر سۆزلەنگەن ئەسەر، ئۇنىڭدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بىر قىسسىدە چامبو دىۋىپ (سانسكىرىتچە _ Jambudripa) ئېلىنىڭ خانى ماخارادى (Maharaha)نىڭ كەنجى ئوغلى ماخاساتۋى (Mahasattara) تېكىننىڭ يەتتە كۈچۈكى بىلەن جاڭگالدا ئاچ قېلىپ ئۆلەر ھالەتكە يەتكەن چىشى يولۋاسنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۆزىنى چىشى يولۋاسقا ئوزۇق قىلىپ بەرگەنلىكى ھېكايە قىلىنىدۇ ھەمدە شۇ ئارقىلىق بۇددا دىنىنىڭ «ئۆزىنى قۇربان قىلىپ، باشقا جانلىقلارنى قۇتقۇزۇش» ئەقىدىسى تەشۋىق قىلىنىدۇ. 2 . «شۇەنجۇاڭنىڭ تەرجىمھالى» («بۇدساتۋا _ ئۇلۇغ تاڭ نوم ئۇستازىنىڭ تەرجىمھالى») نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى _ شۇەنجۇاڭنىڭ شاگىرتى خۇيلى تەرىپىدىن يېزىلىپ، كېيىن يەنجۇڭ تەرىپىدىن كېڭەيتىپ ئىشلەنگەن بۇ ئەسەرنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تەرجىمە نۇسخىسى 1930 - يىلى تۇرپاندىن تېپىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ 250 ۋارىقى بېيجىڭ كۈتۈپخانىسىدا، 123 ۋارىقى پارىژ گۇيمىت مۇزېيىدا، 23 ۋارىقى روسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستۇتېتىنىڭ پېتربۇرگتىكى تارمىقىدا ساقلانماقتا. مەزكۇر ئەسەرنىڭ گېڭ شىمىن ئەپەندى ئېلان قىلغان 7 - بۆلۈمىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇنى سىڭقۇسەلى تۇتۇڭ «قايتىدىن تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلغان» لىقى ئېيتىلىدۇ. شۇەنجۇاڭنىڭ ھاياتىدىكى پائالىيەتلىرى، بۇددا دىنى ئىلىمىنى تەھسىل قىلىش ئۈچۈن غەربكە سەپەر قىلىش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان بۇ مەشھۇر ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشتا، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ پۈتۈنلەي ئەينى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئەنئەنىسى ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ئۇسلۇبى بويىچە ئىجادىي تەرجىمە قىلىشقا تىرىشقان. يۇقىرىدىكى ئىككى ئەسەر توغرۇلۇق ئېلىمىز ۋە چەت ئەللەردە خېلى كۆپ ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. 3 . 1965 - يىلى، تۈركىيىلىك شىناسى تېكىن غەربىي گېرمانىيىىڭ ماينىتىس شەھىرىدە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قول يازمىلار ئىچىدىن سىڭقۇ سەلى تەرجىمە قىلغان يەنە بىر نومنىڭ (ئىسمى ئېنىق ئەمەس) بىر ۋارىقىنى ئېلان قىلدى. 4 . 1975 - يىلى، گېئورگى خازاي سىڭقۇ سەلى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان «تەننى، كۆڭۈلنى كۆرمەك ئاتلىق نوم» نىڭ بەش ۋارىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا «胜光法师» دېگەن خەنزۇچە خەت كۆرۈلگەچكە، خازاي «سىڭقۇ» نى «胜光» نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇشى مۇمكىن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 5 . 1985 - يىلى 8 - ئايدا بارات 1984 - يىلى 9 - ئايدا پىچان ناھىيىسىنىڭ چىقتىم يېزىسىدىن تېپىلغان 13 پارچە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدىكى سىڭقۇ سەلى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان نومنىڭ بىر ۋارىقىنى ئېلان قىلدى. كېيىن، دولقۇن قەمبىرى ئۇنىڭ كەمتۈك قىسمىنى ئەسىلىگە كەلتۈرۈپ ترانسكىرىپسىيە قىلىدى. دولقۇن قەمبىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ترانسكىرىپسىيىگە ئاساسلانغاندا، سىڭقۇ سەلى خەنزۇچىدىن «سەككىز يۈكمەك» نىمۇ تەرجىمە قىلغان بولۇشى مۇمكىن. سىڭقۇ سەلىنىڭ يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن تەرجىمە ئەسەرلىرىدە، ئۇنىڭ بېشبالىقلىق ئىكەنلىكى ئېنىق خاتىرىلەنگەن. بېشبالىق قەدىمكى شەھىرىنىڭ ئورنى ھازىرقى جىمسار ناھىيىسىىڭ تەخمىنەن 15 كىلومېتر شىمالىدا بولۇپ، بۇ قەدىمكى شەھەر ئەينى دەۋردە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يازلىق پايتەختى بولغان. سىڭقۇ سەلىنىڭ ياشىغان دەۋرى توغرىسىدا گابايىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «شۇەنجۇاڭنىڭ تەرجىمھالى» نىڭ 923 - يىلىدىن كېيىن تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن ئۇنىڭ 10 - ئەسىردە ياشىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. خۇاڭ شىڭجاڭ ئەپەندىمۇ ئۆز ماقالىسىدە بۇ نۇقتىنى تەكىتلەيدۇ. «سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ» _ تەرجىماننىڭ دىنىي نامى بولۇپ، گېئورگى خازاي «سىڭقۇ» (4 - ۋە 5 - تەرجىمە ئەسەرلەردە «شىڭقۇ» دەپ يېزىلغان) نى خەنزۇچە «胜光» دىن كەلگەن دىنىي لەقەب دەپ تونۇيدۇ. فرانسىيىلىك خامىلتون «سەلى» نى سانسكىرىتچە (acarya) (ئۇستاز) نىڭ خەنزۇچە قىسقارتىلما ئاھاڭ تەرجىمىسى بولغان «梨者» دىن كەلگەن، «تۇتۇڭ» خەنزۇچە «都统» دىن كەلگەن بولۇپ، 9 -، 10 - ئەسىرلەردىكى بۇددا دىنى راھىبلىرىنىڭ ئەمەل نامىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى