غەيرەت ئاسىم
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى غەيرەت ئاسىم 1958 - يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيسىدە تۇغۇلغان، كىچىك چېغىدىلا ئائىلىسى بىلەن بىللە غۇلجىغا كۆچۈپ چىقىپ، غۇلجا شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان، 1973 - يىلى غۇلجا شەھەرلىك 5 - ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يېزىغا چۈشۈپ ئەمگەك بىلەن چېنىققان، كېيىن <ئىلى گېزىتى> باسمىخانىسىغا ئىشچىلىققا ئورۇنلاشقان، 1983 - يىلدىن 1985 - يىلغىچە ئىلى ئوبلاستلىق مالىيە مەكتىپىنىڭ تەرجىمانلىق سىنىپىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھازىرغىچە <ئىلى گېزىتى> تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
غەيرەت ئاسىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1979 - يىلى <ئىلى گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <مۇساجان بوۋاي> ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە <پۇل خۇدا ئەمەس>، <ئويغانغانلار ۋە ئۇخلاۋاتقانلار>، <قۇياش ھەممىگە شاھىد>، <پەرىدەم>، <كونا گىلەم> قاتارلىق ھېكايىلارنى؛ <ياشىسۇن تۇرمۇش> قاتارلىق پوۋېستلارنى ئېلان قىلىپ مەلۇم تەسىر قوزغىغان. غەيرەت ئاسىم قوش تىللىق يازغۇچى بولۇپ، بەزى ئەسەرلىرى خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان ھەم مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1989 - يىلى <يادىكار> ناملىق ھېكايىلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.
غەيرەت ئاسىم ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.