UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىسادىق ھاجى

سادىق ھاجى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى سادىق ھاجى 1900 - يىلى ئاتۇش سۇنتاغ يېزىسىدا سودىگەر، ئوقۇمۇشلۇق زات مۇھەممەت ھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ، دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك دىنىي مەلۇماتقا ئىگە بولىدۇ، ئوقۇش يىلىنى تاماملىغان. 1919 - يىلى دادىسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا سودا تىجارەت قىلغىلى چىقىپ، تاشكەنتتە ئېچلغان بىر مەكتەپنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، بوغالتىرلىق ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى ئۆگىنىدۇ. سادىق ھاجى 1926 - يىلى ئەتراپىدا ئاتۇشقا ئاتاقلىق باي سودىگەر ئەخمەت قۇل ھاجى بىلەن شېرىكلىشىپ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ، سەنشىخاڭزىدىكى ئۇن پونكىتى ئورنىدا دۇكان ئېچىپ سانائەت ۋە يەرلىك مال سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ قوشۇمچە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سودا قىلىدۇ. سودىسى روناق تېپىپ كۆپ پايدىغا ئېرىشىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرگۈزگەن سانائەت ماللىرىنى ئېلىپ، قارا شەھەر، كورلا، كۇچالارغا بېرىپ تىجارەت قىلىدۇ ۋە كۇچادا تۇرۇپ قېلىپ، سېلىم باي دېگەن كىشىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىدۇ. كېيىن بۈگۈرگە كۆچۈپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، بۈگۈرنىڭ بازار ئەتراپىدىكى ئاساسىي جەھەتتىن مونوپول قىلىپ، كۇچا، بۇگۇرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى بايلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىدۇ. 1933 - يىلى تۆمۈر ئېلى جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ، بۈگۈرگە كەلگەندە سادىق ھاجى تۆمۈر ئېلىنىڭ قوشۇنىغا قوشۇلىدۇ. كۈچا ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، يېڭجاڭ، ئاقسۇ ئىشغال قېلىنغاندىن كېيىن تۇەنجاڭ بولىدۇ. تۆمۈر ئېلى قەشقەرگە كىرگەندە، ئارقا سەپ قوغداش تۇەنىنىڭ تۇەنجاڭى بولىدۇ. ئاتۇشتا تۇرغان مەزگىلدە ئەسكەر ئالىدۇ. شۇ يىللاردا مەھمۇت مۇھىتى سادىق ھاجىنى ليۇسىلىڭغا تونۇشتۇرىدۇ. ليۇسىلىڭ ئۇنڭ خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، «سا دارىن» دەپ ئاتايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سادارىن دەپ ئاتىلىدۇ. خوجىنىياز ھاجى قەشقەرگە بارغاندا، سادىق ھاجىمۇ ئۇنىڭ قوشۇنىدا بىللە بارىدۇ، ئۆلكىگە مۇئاۋىن رەئىس بولغان خوجىنىياز ھاجى قىسىمنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە قاراپ كېتىۋېتىپ بۈگۈردىن ئۆتكەندە، بۇ يەرنىڭ خەلقى سادىق ھاجىنى يۇرتتا قېلىپ، يۇرتقا خىزمەت قىلىشنى ئۆتۈنىدۇ. سادىق ھاجى خوجىنىياز ھاجىنىڭ رۇخسىتى بىلەن بۈگۈردە قىلىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ 1949 - يىلى ھەج قىلىپ كېلىدۇ. ئۆلكە ئازات بولغاندىن كېيىن، يەنىلا سودا بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، 1968 - يىلى 68 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى