ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگو - سوۋېت ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلغان، ئۆز تارىخىدا ئەينى زامان فېئودال ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ تۈرلۈك تەھدىدى ۋە بېسىملىرىدىن قورقماي، قەشقەردە ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە راۋاجلىنىشىدا تەشەببۇسكار رول ئوينىغان، خەلقنىڭ ئويغىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلغان ۋە بۇ جەھەتتە بەلگىلىك تۆھپە ياراتقان ئاكتىپ زاتتۇر.
ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم قەشقەرلىك بولۇپ، ئوقۇمۇشلۇق مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ چوڭ دادىسى ئابدۇقادىر ئاخۇن 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرغىچە قەشقەردە قازىكالان نامى بىلەن خەلققە تونۇشلۇق بولغان جامائەت ئەربابى بولۇپ پارىس، ئەرەب، ئوردو ۋە تۈركىي تىللىرىنى مۇكەممەل ئىگەللەپ، ئەتراپلىق ئىلىم تەھسىل قىلغان شەرىئەتشۇناس، ئادالەتپەرۋەر كىشى ئىدى.
ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم ئابدۇقادىر قازىكالاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئابلىمىت ھاجىمنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ بالىلىق دەۋرىنى مەرىپەتپەرۋەر دادىسىنىڭ تەربىيىسىدە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، 1905 - يىللىرىغىچە قەقەر شەھىرىدە ئىپتىدائىي مەكتەپتىن تاكى ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان قەشقەر خانلىق مەدرىسىگىچە ئوقۇدى.
1892 - يىلى باۋۇدۇن مۇسابايوۋلار چەت ئەلگە ئوقۇغۇچى چىقارغان ۋاقىتتا، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇممۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئىمتىھاندىن ئۆتىدۇ. لېكىن يېشىنىڭ كىچىكلىكى تۈپەيلىدىن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىن قېپقالدى.
ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم 1907 - يىلىدىن 1911 - يىلىغىچە ئىككى رەت روسىيىگە سودا - تىجارەت بىلەن چىقىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن تىجارەت قىلسا، بىر تەرەپتىن روسىيىنىڭ چوڭ - كىچىك شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئىگىلىك يارىتىش تەجرىبىسىنى ئۆگىنىدۇ. ئۇ 1905 - يىلىدىكى روسىيە فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن «كالتا چاپانلار تەشكىلاتى» نىڭ ئەركىنلىك، ئازادلىق ۋە پەنگە يۈرۈش قىلىش يولىدىكى كۈرەشلىرى ۋە باشقا ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرىدىن زور تەسىر ئالىدۇ.
ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنىڭ روسىيىدىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ۋاقتى دەل ئۈرۈمچى ۋە ئىلىدا شىنخەي ئىنقىلابىي پارتلىغان، ئۇزۇن ئۆتمەي قۇمۇل ۋە تۇرپان رايونىدىكى دېھقانلار قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن مەزگىل ئىدى.
1913 - يىلىغا كەلگەندە، ئۇ يۈسۈپ قوقەنى، ۋېلىخان باي، سوپا نىياز ھاجىم، مامۇت ھاجىم ماشىنىچى، نىياز ھاجىم تەمبۇر، ئىمىن تامچى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ھەمدەملىشىپ، قەشقەر شەھىرى جانان كوچىسىدىكى يۈسۈپ ئاخۇن دېگەن كىشىنىڭ قورۇسىدا قەشقەر يېقىنقى زامان تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر سىنىپلىق يېڭى مەكتەپ ئاچىدۇ. بۇ دەل ياڭ زېڭشىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان چاغلار ئىدى. ياڭ زېڭشىن ئىستىبداتلىقتا ئۇچىغا چىققان تۈلكە بولۇپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ۋە ئۇزۇن مۇددەت خەلق ئۈستىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇشنى ئويلايدىغان قارا نىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن، قەشقەردىكى بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ ئەمدىلا ئېچىلغان يېڭى مەكتەپنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قەشقەردە ئېچىلغان يېڭى مەكتەپ توختايدۇ. ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم ۋەزىيەتنى بايقىغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل ياڭ زېڭشىننىڭ نەزەرىدىن چەتتە تۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىتلىق روسىيىگە چىقىپ كېتىدۇ.
ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم بۇ قېتىم روسىيىگە چىققان ۋاقىت 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان، روسىيىدە سوۋېت ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بولسا ئىلگىرىكى «كىتابخانلار»، «تەرەققىپەرۋەرلەر تەشكىلاتى». ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ ۋە باشقا مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان «مۇسۇلمان ئىشچىلار بىرلەشمىسى» تەشكىلاتىغا ئۇيۇشۇۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنىڭ بۇ قېتىم روسىيىدە كۆرگەنلىرى ئىلگىرىكىدىن ناھايىتى زور پەرقلىق ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىدىيىسىدىكى ئۆزگىرىشىمۇ ناھايىتى زور بولىدۇ. مۇشۇ جەرياندا سوۋېت روسىيىنىڭ بەزى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ ۋە ئۇيغۇر ۋەكىلى بولۇپ بەزى يىغىنغا قاتنىشىدۇ.
ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندە، قەشقەرنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقى جۇدوتەيدە ئىدى. ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم روسىيىدىن كېلىپلا، قەشقەردە ئىلغار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا كىرىشىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئىلغار پائالىيەتلىرى ھۆكۈمەتكە مەلۇم بولىدۇ. ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم باشقا بۇرادەرلىرى بىلەن يەنە روسىيىگە قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر بولىدۇ. 1923 - يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرى قەشقەرگە قايتا كېلىپ، سىياسىي پائالىيەتنى ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي پائالىيەت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىشقا ئۆزگەرتىدۇ.
1937 - يىلى 4 - ئايدا مەھمۇت مۇھىتى (مەھمۇت سىلىڭ) قەشقەرنى تاشلاپ چەت ئەلگە كەتكەندىن كېيىن، ماخۇسەن قىسىملىرى قەشقەرنى ئىشغال قىلىپ، قەشقەردە بۇلاڭ - تالاڭ ۋە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكچى بولۇشىدۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم ماخۇسەن قىسىملىرىغا قەتئىي تەلەپ قويۇپ، شەھەر خەلقىنى بۇلىماسلىقنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئامان قالىدۇ. بۇ چاغدا ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم قەشقەردە ھاكىملىق مەنسىپىدە ئىدى. 1937 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم قەشقەرگە مۇۋەققەت ۋالىي بولىدۇ.
1938 - يىلى ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم تەكلىپكە بىنائەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا دوستانە زىيارەتتە بولدى. بۇ چاغدا شىنجاڭدا شېڭ شىسەي خەلققە گۇمان نەزەرى بىلەن قاراپ، 1942 - يىلىنىڭ باشلىرىدا ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنى ئائىلىسى بىلەن بىرگە ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىپ تەقىپ ئاستىغا ئالىدۇ.
1944 - يىلى 7 - ئايلاردا، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى شېڭ شىسەينىڭ ئۈرۈمچى ئىككىنچى تۈرمە قارمىقىدىكى تۈرمىدىن بوشىنىپ چىقىدۇ.
1945 - يىلى 2 - ئايدا ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم قەشقەرگە قايتىپ بېرىپلا جىددىي پائالىيەتكە كىرىشتى.
1946 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، 11 ماددىلىق تىنچلىق كېلىشىم ئىمزالىنىپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى، قوشۇمچە قەشقەر ئامانلىق ساقلاش باش قوماندانى بولىدۇ.
1947 - يىلى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى 11 ماددىلىق تىنچلىق كېلىشىمىنى بۇزۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىلغار پىكىرلىك ياشلارنى قولغا ئالدى. بۇ چاغدا گومىنداڭنىڭ بىر روتا ئادىمى ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنىڭ ئۆيىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ قورشاپ، ئۇنى قاتتىق نازارەت قىلدى.
1949 - يىلى 25 - سىنتەبردە، شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئارمىيە دائىرلىرى ھەقىقەتكە ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولدى. ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم يەنە قەشقەرگە ۋالىي بولۇپ تەيىنلەندى. 1950 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدىن كونسۇل تاجالكىن، مۇئاۋىن كونسۇل باتۇرۇفلار سوۋېت ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ئۆز دۆلىتىدىن ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنىڭ جۇڭگو - سوۋېت ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۆھپىسى ئۈچۈن مەخسۇس ئەۋەتىلگەن لېنىن ۋە ستالىن ئوردېنىنى تەقدىم قىلدى.
1950 يىلى 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھۆكۈمىتى 1225 - نومۇرلۇق خىزمەتكە تەيىنلەش ئۇقتۇرۇشىنى چىقىرىپ، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنى غەربىي شىمال رايونلۇق ھەربىي - مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ خەلق تەپتىش ۋەكىلى قىلىپ بەلگىلىدى. 1951 - يىلى 5 - ئايدا، شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنى ئۆلكىلىك 1 - نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ رەسمىي ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلەپ تەكلىپ ئەۋەتتى. 1952 - يىلى ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم يېشىنىڭ چوڭىيىپ قېلىشى ۋە تەن - سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك خىزمىتىدىن ئىستېپا سورىدى. 1953 - يىلى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، مەركىزىي ھۆكۈمەت 5592 - نومۇرلۇق خىزمەتكە تەيىنلەش ئۇقتۇرۇشىنى چىقىرىپ، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنى غەربىي شىمال رايونلۇق مەمۇرىي مەھكىمە خەلق تەپتىش ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلىدى. 1954 - يىلى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى قىلىپ سايلاپ گۇۋاھنامە ئەۋەتتى.
قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم بىر ئۆمۈر ھاياتىنى سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم ئىشلىرى، شىنجاڭدا تىنچلىق بىرلىكىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى، ۋەتەننىڭ ئازادلىقى، خەلقنىڭ مەرىپەت ئىگەللەپ جاھالەتتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن بېغىشلىدى. ئۇ شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئازادلىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن جاھانگىرلىك، فېئودالىزم كۈچلىرى بىلەن تېخىمۇ تىغ ئېلىشىپ ئاجايىپ تۆھپىلەرنى ياراتتى.
ئۇ ئۆز مەقسەتلىرى يولىدا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە جاپالىق ئىشلەپ، ئاخىر 1955 - يىلى 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى كېسەل مۇناسىۋىتى بىلەن 85 يېشىدا ۋاپات بولدى.