خېلىل ساتتارى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر خېلىل ساتتار 1914 - يىلى چىلەك رايونىنىڭ قارايوتا يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن، دەسلەپ شۇ يېزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە، كېيىن زەرۋات ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقوغان. 1930 - يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئانا يۇرتى - ئىلىغا ئۆتۈپ، غۇلجا ناھىيسىنىڭ ئارائۆستەڭ يېزىسىغا ئورۇنلاشقان.
خېلىل ساتتارى 1932 - يىلدىن باشلاپ «ئىلى دەرياسى» گېزىتىدە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ بۇ جەرياندا ئاخباراتچىلىق كەسپىنى پۇختا ئىگىلەپلا قالماي، يەنە شېئىر، ماقالىلەر يېزىپ، خەلقنى ئويغىتىش، جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىك، زۇلۇم، خۇراپات - نادانلىققا قارشى تۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ «ئىلى دەرياسى» گېزىتىدە 1933 - يىلى ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى» ناملىق شېئىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، 1935 - يىلى ئېلان قىلىنغان «ئىككى يىللىق دەۋر» ناملىق ماقالىسى جەمئىيەتتە مەلۇم تەسىر قوزغىغان. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ يەنە «خۇشاللىق»، «ئىلىنىڭ شوخ سۇلىرى»، «بىزنىڭ شائىر»، «مۇقەددەس كۈن»، «دۇتتارىم» قاتارلىق شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان.
خېلىل ساتتارى 1936 - يىلى ئەتىيازدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر گېزىتى» گە يۆتكىلىپ، تەھرىر بولۇپ ئىشلەيدۇ بۇ جەرياندا ئۇ شېئىر ئىجادىيىتىدە تېخىمۇ يۈكسىلىپ، «قاچان تۈگەر»، «كەتمىگىن ياز»، «تەكەببۇر»، «بولمىسا»، «گۈلىستان»، «ئىش قەدىمىڭگە سالاملار»، «ئىش نۇرى» ۋە «ئوقوغۇچى قىزغا» ئوخشاش بىر قاتار ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى خەلققە تەقدىم قىلىدۇ. شائىر خېلىل ساتتارى ئۆزىنىڭ «كۆردۈڭلارمۇ» ناملىق شېئىرىدا:
«يىراقلاردىن قۇشلار كېلىپ، باھارى بولدى، كۆردۈڭلارمۇ؟
گۈل لېۋىگە كېپىنەكلەر كېلىپ قوندى، كۆردۈڭلارمۇ؟
ئېدىر - قىرلار قاشلىرىغا ئوسما قويدى، كۆردۈڭلارمۇ؟
شوخ شاماللار ئاۋۋال كېلىپ بىزنى سۆيدى، كۆردۈڭلارمۇ؟»
دەپ يېزىپ، ئۆزىنىڭ بەدىئىي ئىپادىلەش جەھەتتىكى ماھارىتىنى نامايان قىلىدۇ.
شائىر 1936 - يىل 24 - دېكابىردا «شىنجاڭ ئۇيغۇر گېزىتى» گە بېسىلغان «ئىش نۇرى» ناملىق شېئىرى ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىىيىتىدە يېڭىچەە ئۇسلۇبنىڭ تىپىك ئۈلگىسىنى ياراتقان.
شائىر خېلىل ساتتارى 1940 - يىلى ئاپرېلدا قولغا ئېلىنىپ، 1988 - يىللىق 1 - سانىدا شائىر خېلىل ساتتارىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائاللىيىتىنى تونۇشتۇردى ھەمدە ئۇنىڭ خەلق ئىچىدە ساقلىنىپ كەلگەن سەككىز پارچە شېئىرىنى نەشىرگە تەييارلاپ ئېلان قىلدى.