UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ

مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، گېنېرال مايور مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ 1951 - يىلى ئاتۇش ناھىيىسىدە ھاللىق دېھقان شاھ ھاجىم ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. شاھ ھاجىم ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئەمدى ئىككى ياشقا كىرگەن ئوغلى مۇھەممەتئىمىننى قارا قولغا ئېلىپ چىقىدۇ. كىچىك مۇھەممەتئمىن ئائىلە تەربىيىسىنى ئالغاندىن كېيىن، يەركەنتتىكى بىر پەننىي باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇپ، خەت - ساۋادىنى چىقىرىدۇ. ئۇ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغاندىن باشلاپ رۇس تىل يېزىقىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىدۇ ۋە خېلى ئوبدان نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. بۇ يىللاردا، مۇھەممەتئىمىن دادىسى شاھ ھاجىمنىڭ ئۈچ تۇرپان ئارقىلىق قارا قولغا چىقىرىدىغان شىنجاڭ يەرلىك ماللىرىنى ئېلىپ چىقىش ۋە تاۋار ماللىرىنى ئېلىپ كېلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ، مۇشۇ جەريانىدا كۆپلىگەن ۋەتەنپەرۋەر، تەرەققىپەرۋەر سودا - سانائەتچىلەر، ئالىملار، ئۆلىمالار بىلەن ئۇچرىشىدۇ ھەم سۆھبەتتە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا يېڭى دۇنيا قارشى تىكلىنىدۇ. «كۆپنى كۆرگەن كۆپنى بىلەر، كۆپ ئاڭلىساڭ قۇلاققا سىڭەر» دېگەندەك، ئۇنىڭ كۆرگىنى، ئاڭلىغان - بىلگىنى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. ئۇ، 1935 - يىلى دادىسى شاھ ھاجىمنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق سوۋېت سودا ۋەكالەتخانىسى (سوۋ سىن تورگ) بىلەن بولغان سودا توختام ۋە مال ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىدا تەرجىمانلىق قىلىدۇ. مۇھەممەتئىمىن ئىمنوۋ ياش ۋاقتىدىن باشلاپ كۆپنى بىلگەن، كۆپنى ۋە كۆپنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن، تۇرمۇش ئۇنى ئېغىر - بېسىق، تەمكىن قىلىپ يېتىلىدۈرگەن. ئۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېيىن ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلىگەن ھەر ساھەدىكى سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرىى بىلەن بىرگە بولغان مەزگىلىدە، ئۇلاردىن ماركسىزم - لېنىنىزم ئەسەرلىرىنى ۋە ماركسىزمچە پەلسەپەنى ئۆگىنىپ، ئىنقىلاب يولىنى بىلىشكە باشلايدۇ. نەتىجىدە، ئۇنىڭدا بىر قەدەر يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى قاراش يېتىشىپ چىقىدۇ. 1944 - يىلى كۈزدە، نىلقا پارتىزانلىرى گومىنداڭغا قارشى قوزغىلىپ، گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا تۇيۇقسىز زەربە بېرىش بىلەن، ھەش - پەش دېگۈچە شەرقىي بەش ناھىيىنى ئىشغال قىلىپ، ئىلىدا تۇرۇشلۇق گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى تەمتىرىتىدۇ. قوزغىلاڭنىڭ نىلقىدىن باشلىنىشى جاي - جايلادىكى گومىنداڭغا قارشى كۈچلەرنى سەگەكلەشتۈرىدۇ. تەرەپ - تەرەپتىن پارتىزانلىق ھەرىكەتلىرى قوزغىلىدۇ. بۇ چاغدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى ۋە شەرقىي جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى ئىلىغا يۆتكەپ، كۆپلىگەن ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئىلىغا ئېلىپ ماڭىدۇ. بۇ ۋاقىت مۇھەممەتئىمىن ئىمنوۋ ماناس دەرياسى قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقىت ئىدى. ئۇ، گومىنداڭنىڭ قوشۇن ۋە قورال - ياراغ تۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ماناس ۋە شىخولاردىكى يېقىن سەبداشلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. كۈرەشكە ئىنتزار بولۇپ تۇرغان بۇ دوستلار بىرلىككە كېلىپ، شىخودا پارتىزانلىق ئەترىتى قۇرىدۇ (ئەسلىدە«كۈرەش» ۋە «ئازادلىق» دېگەن ئىككى كىچىك تەشكىلات بار بولۇپ، بۇ تەشكىلاتلار بىرلىشىپ « ئازادلىق» تەشكىلات بولۇپ قۇرۇلىدۇ ۋە قوراللىق كۈرەشكە ھازىرلىق قىلىپ، پارتىزانلىق ئەترەت قۇرىدۇ). مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ ماناستا بەش يولدا بىلەن بىللە بۇ تەشكىلاتقا ۋە پارتىزانلىق ئەترىتىگە ئەزا بولىدۇ. ئۇلار 1944 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىردىن باشلاپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ تەشۋىقات يۈرگۈزىدۇ ۋە شىخو پارتىزانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ 1944 - يىلدىن 1945 - يىلى 9 - ئايغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە، ماناس دەرياسى بويىدىكى سۇ ئىشلىرى خىزمىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۈرۈمچى، شىخو قاتارلىق جايلاردىكى ئىلغارلار ۋە پارتىزانلار بىلەن ئالاقە باغلىغاندىن تاشقىرى، ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئىنقىلابىي مەركىزىي قوماندانلىق شتابى بىلەنمۇ قۇيۇق ئالاقىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئابدۇكېرىم ئابباسۇپ بىلەن بولغان تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئەينى ۋاقىتتا ئىنقىلابىي سەبداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئايلاندى. شۇڭا ئىلىدا ئىنقىلاب باشلىنىش بىلەنلا ئۇ، ئۈچ ۋىلايەت قوماندانلىق شتابى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەت باغلىدى. مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شتابىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، مىللىي ئارمىيە جىڭ ۋە شىخولارغا ھۇجۇم باشلاشتىن ئىلگىرى، ئۇ بەش نەپەر يولداشنى باشلاپ يوشۇرۇن ھالدا شىخو پارتىزانلىرىغا قوشۇلدى. 1945 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تولۇق قوراللانغان ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسى جىڭ ۋە شىخولارنى بومباردىمان قىلىش بىلەن تەڭ تىپىتىكى ئېغىر زەمبىرەك ۋە كۆيدۈرگۈچى بومبىلارنى ئىشقا سېلىپ، گومىنداڭنىڭ جىڭدا تۇرۇشلۇق بىر دىۋىزىيىسىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى شىخونى ئىشخال قىلىغان ۋاقىتتا، مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ شىخو پارتىزانلىرى بىلەن بىللە دۈشمەن ئارقا سېپىدىن ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى ۋە دۈشمەن شىخودىن چېكىنگەن ھامان قالدۇق دۈشمەنلەرنى تازىلاش ئىشىنى ئىشلىدى. 1945 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى شىخو ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، ئىمىنوۋ مىللىي ئارمىيىدە ۋوزۋوت كوماندىرى بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي ئىسكادىرون كوماندىرلىقىغا كۆتۈرۈلگەن. كېيىن غۇلجىغا يۆتكلىپ، ئۈچ ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى سۇ ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شتابىنىڭ سىياسىي بۆلۈم ئوفىتسېرى، قوماندانلىق شتاب ئۇرۇش قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىنقىلابىي مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىنىڭ مۇئاۋېن شتاب باشلىقى، ئاتلىق پولك كوماندىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋغا پولكىلىق ئۇنۋانىنى بەردى. شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغاندىن كېيىن، مۇھەممەتئمىنوۋ 1950 - يىلى 2 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ كىردى. ئاندىن ئۇ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5 - كورپوس 13 - دىۋىزىيىنىڭ قوماندانى ۋە پارتكوم شۇجىسى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلۇق پارتكومىنىڭ 4 - شۇجىسى، جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. 1955 - يىلى مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋغا گېنېرال مايور ئۇنۋانى بېرىلدى. 1957 - يىلى مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ بەزى ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلغانلىقى ئۈچۈن، خاتا ھالدا تەنقىد قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىدىن قالدۇرۇلدى، كېيىن يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىدىن ئېلىپ تاشلاندى. 1960 - يىلى، ئۇ مەركىزىي ئالىي پارتىيە مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ بېيجىڭدىن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى داۋاملىق ئۆتىدى. 1962 - يىلى ئىلى - تارباغاتاي ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋنى شۇ يەرگە خىزمەتكە ئەۋەتتى. ئۇ، بىرىنچى سەپكە بېرىپ، ئامما ئىچىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئىشلەپ، قايمۇققان بىر مۇنچە ئاممىغا تەربىيە بېرىپ، ئۇلارنى يول ئۈستىدىن قايتۇرۇپ كەلدى، ئۇنىڭ بۇ خىزمىتى پارتىيە - ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئالدىدا يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە، مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ چىدىغۇسىز جاپا - مۇشەققەتلىك كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، 1970 - يىلى 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى 55 يېشىدا بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتتى. 1986 - يىلى 10 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 1958 - يىلدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋغا كۆرگەن چارىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، ئۇنىڭ ئىناۋىتىنى، نامىنى، پارتىيىۋىلىكىنى ئۈزۈل - كېسىل ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ | UyghurWiki | UyghurWiki