ياسىن مۇخپۇل
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە ژۇرنالىست ياسىن ئىمىن 1949 - يىل 6 - ئايدا ئاقسۇ شەھىرى ئەتراپىدىكى قاراتال يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئاقسۇدا ئوقۇپ تاماملاپ، 1970 - يىلدىن 1972 - يىلغىچە قاراتال ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان؛ 1972 - يىلدىن 1976 - يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان ۋە 1981 - يىلغىچە شۇ يەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1981 - يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدا ئىشلەۋاتىدۇ.
ياسىن ئىمىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن تارتىپلا باشلانغان، كېيىنچە، ئاساسەن شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپلىگەن شېئىرلارنى ئېلان قىلغان.
ياسىن ئىمىننىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىردىن <تاڭ ئىلھاملىرى> (1985 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <تاڭ شامىلى> (1988 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى، <شاتگۈل> (1989 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ئەدەبىي ئاخبارات توپلىمى بار.
ياسىن ئىمىن ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.