UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىپەتتارجان مۇھەممىدى

پەتتارجان مۇھەممىدى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتچىسى پەتتارجان مۇھەممىدى 1930 - يىلى تۇرپان ناھىيسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تۇرپاندا تاماملاپ، 1949 - يىلغىچە ئۈرۈمچى 2 - دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان، ئۇ، ئازادلىقتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى مەكتەپلىرىدە ئۇقۇپ تەربىيلەنگەن؛ 50 - يىللاردىن تارتىپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى، ليۇداۋان كۆمۈر كان پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق جايلاردا ئىشلىگەن، پەتتارجان مۇھەممىدى 1958 - يىلدىن كېيىن بىر مەزگىل <تارىم> ژۇرنلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىر ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولۇپ ئىشلىگەن، 1980 - يىلدىن تارتىپ ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، 1984 - يىل 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. پەتتارجان مۇھەممىدى ئەدەبىيات ساھەسىگە 50 - يىللاردا شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن كىرپ كەلدى. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ئىلىم - پەن>، <ئويغان>، <تاڭ شامىلى>، <مېنىڭ ناخشام>، <قىزىلگۈل>، <سالام، بېيجىڭ> قاتارلىق شېئىرلىرى كۆپىنچە دەۋر رېئاللىقىنى تېما قىلغان، ئۇسلۇب جەھەتتە ئاددىي - سادد، تىلى ئاممىباب، راۋاب. پەتتارجان مۇھەممىدى ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدە رەھبەرلىك خىزمىتى ئىشلىگەن يىللاردا ئەدەبىيات - سەنئەت مەسىلىلىرىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، نۇرغۇن ماقالە - ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان، بۇلاردىن باشقا بىر قىسىم خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلىغان، 80 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنى تېپىپ، نەشرگە تەييارلاپ ئېلان قىلدۇرۇپ، كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. پەتتارجان مۇھەممىدىنىڭ خېلى بىر قىسىم شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن، 1982 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇنىڭ <ئۆمۈر چېچەكلىرى> ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
پەتتارجان مۇھەممىدى | UyghurWiki | UyghurWiki