UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمامۇت زايىت

مامۇت زايىت

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر مامۇت زايىت 1942 - يىل 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيسىدە مەرىپەتپەرۋەر دىنىي زات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ساۋاتىنى ئائىلىسىدە ۋە مەدرىستە چىقىرىپ، 1954 - يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن، بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇشنى تاماملاپ، 1957 - يىلى سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئوقۇشنى 1960 - يىلى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە ئىشلەۋاتىدۇ. مامۇت زايىتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1959 - يىلى سابىق <شىنجاڭ ياشلىرى> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <مەن - باھار كۈيچىسى> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. مامۇت زايىت مول ھوسۇللۇق شائىر بولۇپ، ھازىرغىچە 1000 پارچىدىن كۆپرەك شېئىر، 30 پارچىدىن داستان - باللادا يازغان. ئۇ، <گۈلمىروي> ناملىق شېئىرىي رومانى بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىي رومانچىلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقان. مامۇت زايىتنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىردىن <كارۋان بۈيۈك نەزمىسى> (1981 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <خانتەڭرى قىزى> (1983 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <باھار قارلىغاچلىرى> (1986 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <چارەك ئەسىر نەزمىسى> (1986 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <سېنى كۈتىمەن> (1986 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <ئات جۇۋاداز، كالا مەپىدە> (1988 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <ئانا رىۋايىتى> (1992 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <ئۆلۈكلەر ۋە تىرىكلەر> (1992 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىرلار، باللادىلار، داستانلار توپلاملىرى، <گۈلمېروي> (1982 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرىي رومانى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى مەملىكەت، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. مامۇت زايىت ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مامۇت زايىت | UyghurWiki | UyghurWiki