سۇلتان ھاشىم
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى سۇلتان ھاشىم 1941 - يىل 2 - ئايدا غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1949 - يىلدىن 1959 - يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1959 - يىلدىن 1964 - يىلغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ، كېيىن شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ماشىنىسازلىق فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ 1982 - يىلغىچە شىنجاڭ <ئۆكتەبىر> تراكتۇر زاۋۇتىدا تېخنىك، ئىنژېنېر بولۇپ ئىشلىگەن، 1982 - يىل 10 - ئايدىن تارتىپ ھازىرغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
سۇلتان ھاشىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1979 - يىلى ئېلان قىلىنغان <نۇرىگۈل> ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ <سىرلىق كېچىلەر>، <سىرلىق يېشىل نۇر> قاتارلىق 40 پارچىدىن كۆپرەك ھېكايىسى ئېلان قىلىنغان، بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، بەزى ئەسەرلىرى ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن.
سۇلتان ھاشىمنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <بازغان> (1983 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <قوشتېرەك> (1993 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى بار.
سۇلتان ھاشىم ھازىر ئالىي مۇھەررىر، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.