خوجا جاھان ئەرشى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئاپاق خوجا ۋاپاتىدىن كېين، تەخت ئۈچۈن بولغان كۈرەشلەر تېخىمۇ كۈچەيدى. «ئاق تەقىلىقلەر» بىلەن «قارا تەقىلىقلەر» ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي كۈرەش ۋە دىنىي مەزھەپ كۈرىشىدىن پايدىلانغان جۇڭغارلار جەنۇبىي شىنجاڭغا قايتا قول سوزۇپ، «ئاق تەقىلىقلەر» خان قىلىپ تىكلىۋالغان ئاپاق خوجىنىڭ نەۋرىسى ئەخمەت بىلەن «قارا تەقىلىق» خوجىلارنىڭ رەھبىرى خوجا دانىيالنى ئىلىغا ئېلىپ كەتتى. ئىلىغا گۆرۈ ۋە سۈرگۈن قاتارىدا ئېلىپ كېتىلگەن خوجا دانىيالنىڭ بالا - چاقا، جەمەتلىرى ئارىسىدا ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى خوجا ئابدۇللانىڭ ئوغلى خوجا ياقۇپ خوجا جاھان ئەرشىمۇ بار ئىدى.
خوجا جاھان ئەرشى ھىجرىيە 1097 - يىلى (مىلادىيە 1685 - 1688 - يىللىرى) خوجەندتە تۇغۇلغان.
ئەرشىنىڭ ئەسەرلىرى بىزگە كۆپ يېتىپ كېلەلمىگەن. ھازىر شىنجاڭ تارىخىي مۇزېيىدا شائىرنىڭ «دىۋان ئەرشى» نامىدىكى 116 بەتلىك بىر قول يازما شېئىرلار توپلىمى ساقلانماقتا. 1985 - يىلى يەنە ئەرشى ۋە قۇتۇھى شېئىرلىرى قوشۇپ كۆچۈرۈلگەن 42 بەتلىك بىر قول يازما مەجمۇئە تېپىلىپ قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئاسراش ئورنى ئىختىيارىغا ئېلىندى. مەجمۇئەدىكى شېئىرلادىن بىر قىسمى قەشقەردە نەشىرقىلىنغان «قەدىمكى كىتابلار تەتقىقات خەۋىرى» ناملىق توپلامدا ئېلان قىلىندى (يولداش ئابدۇرەھىم سابىت نەشىرگە تەييارلىغان). شائىرنىڭ شىنجاڭ تارىخىي مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان دىۋانىنى يولداش مەھەممەتتۇرسۇن باھاۋىدىن نەشىرگە تەييارلاپ، «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ ئومۇمىي 21 - سانىدا ئېلان قىلدى.
ئەرشى شېئىرىيىتىدىكى بىر گەۋدىلىك تەرەپ _ ئۇنىڭ دۇنيا ۋە كىشىلىك قاراش جەھەتتىن ئەلىشىر نەۋائى بىلەن ئوخشاشلىق ۋە يېقىنلىقتىن ئىبارەت. ئەرشى نەۋائىنى ئۆزىنىڭ ئۇستازى قىلىپ، ئۇنىڭغا چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ھۆرمەتتە بولغان، ئۆز ئىجادىدا ئۇنىڭدىن مەنىۋى ئوزۇق ئېلىپ، نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئۇنىڭغا يېقىندىن يانداشقان. بىز ئەرشى شېئىرىيىتىدىن نەۋائى قاراشلىرىنى نامايان قىلغان ۋە ئۇنى ئىجادىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن، تەقلىد قىلىنغان مىسرالارنى ئۇچرىتىپلا قالماي، يەنە نەۋائى غەزىلىگە يېزىلغان نەزىرەلەرنىمۇ ئۇچرىتىمىز.
ئەرشى ئۆزىنىڭ كۆك چاي، چىنە ھەققىدىكى نەزمىلىرىدە ئېلىمىزدە چىقىدىغان كۆك چاي، جانان چىنە (پىيالە) نى مەدھىيلەش ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، خوجا ياقۇپ خوجا جاھان ئەرشى ۋە ئۇ ۋەكىللىكىدىكى ئەدىبلەرنىڭ بەدىئىي ئىجادىيىتى ئەلىشىر نەۋائى ۋە يەكەن خانلىقى دەۋرى ئەدەبىياتىنىڭ ئىلغار ئىدىيىلىرىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلغانلىقى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا بەلگىلىك ئورۇن تۇتىدۇ.