UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىگۈەن يۈنشى قايا

گۈەن يۈنشى قايا

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئېلىمىزنىڭ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق نەسرىي غەزەل يازغۇچىسى، دراماتورگ؛ ماھىر خەتتات، رەسسام ۋە مۇزىكانت گۈەن يۈنشى قايا (كۈن سۈيۈنچ قايا) ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان نامايەندىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. گۈەن يۈنشى قايا (غۇربىتى) نىڭ بوۋىسى ئېلى قايا ئەسلى جىمىسارلىق كونا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بولۇپ، رەسساملىق ۋە شېئىرىيەت بىلەن شوغۇللانغان. كېيىن ئۇنى قۇبلايخان ئۆز ئوردىسىدا خىزمەتكە قويغان ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىر بولغان. گۈەن يۈنشى قايا مىلادىيە 1286 - يىلى بېيجىڭدا، ئۆزىنىڭ دادا ۋە ئانا تەرەپ جەمەتلىرى ئولتۇراقلاشقان «ئۇيغۇر مەھەللىسى» دە دۇنياغا كەلگەن. گۈەن يۈنشى قايا ياشلىقىدىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك قابىلىيەتكە ئىگە ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىققان، شۇڭا ئۇ ئوردا تەرىپىدىن ئۇچقۇر چەۋەندازلار سانغۇنى قىلىپ تەيىنلىنىپ، خۇبېي - خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يۇڭفىڭ ئايمىقىدا تۇرغان. بۇ تالانتلىق بىلىم ئىگسى كېيىن رىنرۇڭ خان تەرىپىدىن باش ئۆلىمالىققا ۋە باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەن. ئۇ پەقەت 39 يىل ئۆمۈر سۈرۈپ، 1324 - يىلى ۋاپات بولغان بولسىمۇ ھاياتىدا ئۆزنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارى بىلەن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە تونۇلغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئەدىب تاۋزۇڭيى ئۆزىنىڭ «تارىخنامىلەردىن مۇھىم بايانلار» ناملىق ئەسىرىدە گۈەن يۈنشى قايانىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مەشھۇر ئەربابلاردىن بولۇپ، پادىشاھ ئوردىسىنىڭ مەدەنىيەت ئەمەلدارى بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھۆسىنخەت ۋە رەسىمگە قەۋەتلا ئۇستا ئىكەنلىكىنى، شاگىرتلىرىنىڭمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى يازغان. گۈەن يۈنشى قايا مەشھۇر شائىر بولۇپ، نەسرىي شەكىلدىكى غەزەلدىن ئىبارەت بۇ يۈەن دەۋرى شېئىرىي شەكلىدە خېلى داڭق چىقارغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياڭ چاۋيىڭ تەھرىرلىگەن «باھار قارلىرى» ناملىق كىتابقا ئۇنىڭ كىچىك نەسىرلىرىدىن 36 پارچىسى، پۈتۈن يۈرۈشلۈك كۈيلىرىدىن بىر پارچىسى؛ «تىنچ مۇزىكا مەھكىىسى» ناملىق كىتابقا كىچىك كۈيلىرىدىن 30 پارچىسى؛ پۈتۈن يۈرۈشلۈك كۈيلىرىدىن ئالتە پارچىسى كىرگۈزۈلگەن. سەۋنچ قىيا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ياڭ جىياۋيىڭ ئۇنىڭ ۋە يېقىن دوستى شۇزەيسىنىڭ ئەسەرلىرىنى بىر توپلام قىلىپ «سۇنتيەن مۇزىكا مەھكىمىسى» دېگەن نام بىلەن تارقاتقان. «يۈەن نەزمىلىرىدىن تاللانما» غا سەۋنچ قىيانىڭ 27 كۇپلېت شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. سەۋنچ قىيا ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى خلمۇ خىل بولۇپ، ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىنى زوق - شوخ بىلەن كۈيلىدى. ئوغۇل - قىزلارنىڭ ساپ مۇھەببىتىنى تولۇپ - تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مەدھىيىلەپ، ۋاپاسىز ئاشىق - مەشۇقلارغا بولغان نەپرىتىنى ئىپادىلىدى. ئۇنىڭ ھەسرەتلىك ھېسسىياتى، زاماندىن زارلىنىش ۋە تەركىدۇنيالىق خاھىشى ئىپادىلەنگەن ئەسەرلىرىمۇ خېلى سالماقنى ئىگلەيدۇ. تاۋزۇڭيىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، گۈەن يۈنشى قايانىڭ 1312 - يىلىدىن ئىلگىرى يازغان «قۇمۇش گۈللۈك يوتقان» ناملىق شېئىرى يۇقىرىقى توپلامغا كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن 300 كۇپلېتتىن ئارتۇق بۇ شېئىر يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىدىكى بارلىق قەلەمكەشلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، نۇرغۇن شائىرلار بۇ نەزمىنى كۆچۈرۈۋېلىشقان، رەسساملار نەزمىنىڭ مەزمۇنىنى ئوبرازلاشتۇرۇپ، رەسىم سىزىپ چىققان، ياڭ لىيەننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇنىڭ بۇ شېئىرى «پىنھان قارىغايلىق نەزمىلىرى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەنىكەن. «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» نىڭ 143 - جىلدىدىكى «گۈەن يۈنشى قايانىڭ تەرجىمھالى» دا كۆرسىتلىشىچە، شائىرنىڭ «قاشالانغان كۈيلەر» ناملىق نەسىرىي غەزەللەر توپلىمى يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىدىكى قەلەمكەشلەرگە نىسبەتەن ئالاھىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. شائىرنىڭ ئون نەچچە شېئىرلار توپلىمى بولغان. بۇلارنىڭ ئاساسلىقى نەسرىي غەزەل، قالغانلىرى داستان، قىسسە ۋە باشقا ھەر خىل شەكىلدىكى ئەسەرلەردىن تەركىب تاپقان. جۇشۇ يازغان «تەيخې كۈيلىرى» ناملىق ئەسەر بىلەن شۇۋېي يازغان «جەنۇب تېكىستلىرى بايان قىلىنغان خاتىرىلەر» ناملىق ئەسەردە كۆرسىتىلىشىچە، گۈەن يۈنشى قايا يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر دراماتورگلار قاتارىدا تۇرغان ھەمدە ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى دراماتورگلارغا بولغان تەسىرى كۈچلۈك بولغان. ئۇ دراما ئەسەرلىرىنى يېزىش، ئاھاڭغا سېلىش بىلەن مەشغۇل بولۇپلا قالماستىن، داڭلىق تىياتىرچىلار - ئارتىسلار بىلەن بىرلىكتە كۆپلىگەن دراما ئەسەرلىرىنىڭ سەھنىلەشتۈرۈلۈشىگە كۈچ چىقارغان. ئېيتىلىشىچە، مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە ئۆتكەن مەشھۇر قىزىقچى ئارتىس جۇيۇتۇن ئۇنىڭ جەمئىي 31 خىل دراما ئەسىرىنى سەھنىدە ئويناپ چىققان. گۈەن يۈنشى قايا نەي ۋە بىلى چېلىشقىمۇ ماھىر بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى «پارچە كۈيلەر» ناملىق توپلامدا كۆرسىتىلشىچە، ئۇ ئىجاد قىلغان پارچە كۈيلەر پۈتكۈل يۈەن سۇلالىسى كۈيلىرىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى، يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن مۇزىكىلىرى يەتتىدىن بىر قىسىمنى تەشكىل قىلغان. گۈەن يۈنشى قايانىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئۆز تېمىسىنىڭ ئاكتىۋاللىقى، بەدىئىي قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھازىرغىچە كىشىلەرنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ ئەسەرلىرى چەت ئەللەردىكى ئەدەبىياتشۇناسلارنىڭ دىققىتىنىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلدى. ئامېرىكىلىق خەنزۇشۇناس دوكتور بىچارد جوخولون گۈەن يۈنشى قايا ئەسەرلىرىنى ئامېرىكا جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇش يولىدا بەلگىلىك رول ئوينىدى. 1980 - يىلى ئامېرىكا بوستون تېخوئىن نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇنىڭ «گۈەن يۈنشى قايا» ناملىق ئەسىرى نەشىر قىلىندى. بىچارد جو خولون ئۆز ئەسىرگە يازغان كىرىش سۆزىدە: «يۈەن دەۋرىدە ئۇيغۇرلاردىن كېلىپ چىققان يازغۇچى گۈەن يۈنشى قايا مەيلى كلاسسىك شەكىلدىكى شېئىرىي ئىجادىيەتتە بولسۇن، ياكى يېڭىچە ئاممىباب شېئىرىي - نەسرىي ئىجادىيەتتە بولسۇن ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئىدى» دەپ يازدى. بىچارد جو خولوننىڭ بۇ ئەسىرى «تېخوئىن دۇنيا يازغۇچىلىرى مەجمۇئەسى» گە كىرگۈزۈلدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
گۈەن يۈنشى قايا | UyghurWiki | UyghurWiki