UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمۆيدىن خەلپەت

مۆيدىن خەلپەت

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى مۆيدىن خەلپەت 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھازىرقى تۇرپان شەھىرىدىكى قاراغوجا يېزىسى مۇجاڭ مەھەللىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. مۆيدىن ئەمدىلا ئەقلىگە كەلگەندە ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئانىسى لۈكچۈندىكى غوجامنىياز ئاخۇنلۇق دەيدىغان ئۆلىما ئادەمنىڭ قىزى بولۇپ ئۇنىڭ ئوغلىنى ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن غوجامنىياز ئاخۇنغا تەربىيىلەشكە بېرىدۇ. بوۋىسى مۆيدىننى ئەتراپلىق تەربىيىلەيدۇ. مۆيدىن دىنىي بىلىم جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى تولۇق يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاقسۇغا بېرىپ «مەدرىسە» دە ئوقۇپ، ئۇزۇنغا بارمايلا خەلپەت دەرىجىسىگە يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇرت ئىچىدە ئىززەت، ئابرۇيغا ئىگە بولۇپ جامائەتچىلىككە تونۇلۇشقا باشلايدۇ. ئەنە شۇ چاغلاردا مۆيدىن خەلپەت يۇرت كېزىپ غۇلجىغا بارىدۇ. غۇلجىنىڭ شاڭيوسى غازى (پىچاق خاندۇلۇق) ئۇنىڭ نام - شۆھرىتىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىزلەپ تېپىپ ئۆز ئۆيىدە تۇرغۇزىدۇ، ئۇنى ئۆيىدە بىرمەزگىل تۇرغۇزغاندىن كېيىن قەشقەرلىك نەمەت شاڭيونىڭ قىزى تاجىنىسا بىلەن تويىنى قىلىپ قويىدۇ. ئۇلار بىر بالىلىق بولىدۇ. بالىغا مەخسۇم دەپ ئىسىم قويىدۇ. ئۇ غۇلجىدا تۇرۇش جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پەرغانە دېگەن يېرىدىن كېلىپ غۇلجىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان شەمسىدىن ھەززەت دېگەن كىشىدىن تەلىم ئېلىش بىلەن ئىشان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن غۇلجىدا بىر مۇنچە ئادەملەر ئۇنىڭغا مۈرىت بولىدۇ. بۇ دەل 1911 - يىلىدكى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن شىنجاڭدا بارلىققا كەلگەن ئىككى خىل ھاكىمىيەت، يەنى ئىلى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى مانجۇ خانلىقى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش باشلىنش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مەزگىل ئىدى. مۆيدىن خەلپەت دىنىي ئۆلىما بولۇپلا قالماستىن تەرەققىيپەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ يۇرت كېزىش ئارقىلىق ھەر قايسى جايلاردىكى ناھەقچىلىك ئىشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. بۇلار ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىپ، ئىستىبدات ھاكىمىيەتكە بولغان ئۆچمەنلىكىنى كۈچەيتىدۇ. شۇڭا، ھەر خىل پائالىيەت سورۇنلىرىدا خەلق ئاممىسىگە تەشۋىق - تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئۈستىدە يۈرگۈزگەن جىنايەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتكە بولغان ئۆچمەنلىكىنى قوزغايدۇ. ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت ئورۇنلىر ئۇنى «ئېھتىيات قىلىدىغان ئادەم» قاتارىغا كىرگۈزۈپ غۇلجا يامۇلىغا قاراپ قويىدۇ. غۇلجا شاڭيو باشلىق ھۈسەن باي، ياقۇپ باي، سۇلتان باي قاتارلىق مۆتىۋەر كىشىلەرنى كىرگۈزىدۇ. يامۇلدىكىلەر قالايمىقان ھەرىكەت قىلماسلىق شەرتى بىلەن مۆيدىن خەلپەتنى ۋەكىللەرگە كېپىللىككە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. مۆيدىن خەلپەت يامۇلدىن چىقىپ ئۆز پائالىيتىنى توختىتىپ قويمايدۇ، كېيىن ئىلى ۋىلايىتىنىڭ كۈنەس ناھىيىسگە بېرىپ قازاق خەلقىنىڭمۇ ئىززەت - ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ ۋە قازاق ئاخۇنلىرىدىن جاندار ئەلى مۇپتى، شېلى ئەلەم ئاخۇن قاتارلىق كىشىلەرنى دوست تۇتىدۇ. ئۇ قەيەرگىلا بارمىسۇن، ئۆز قاتارلىق كىشىلەرنى دوست تۇتىدۇ. ئۇ قەيەرگىلا بامىسۇن، ئۆز يولىدىن قايتمايدۇ. شۇڭا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنى يەنە تۇتۇپ كېلىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلماقچى بولىدۇ. يۇرت چوڭلىرى ئوتتۇرىغا چۈشكەنلىكتىن تۇرپانغا سۈرگۈن قىلىدۇ. تۇرپان يامۇلى مۆيدىن خەلپەتنى قاراغوجىغا ئېلىپ بېرىپ، توختى دورغىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. مۆيدىن خەلپەت قاراغوجىغا كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۆز ئىرادىسىدىن قايتمايدۇ. ئاستانە، قاراغوجا خەلقىنى تەشكىللەپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىنىدۇ. بۇ چاغدا مۆيدىن خەلپەت تۆمۈر خەلىپىنىڭ قۇمۇل خەلقىنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غەلبىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلاپ، تۆمۈر خەلىپە بىلەن بىرىلىكتە كۈرەش قىلىشنى پىلانلاپ، ئىشەنچىلىك ئادەملىرىدىن سەيپۇل دېھقان ۋە قاراغۇجىلىق مەشھۇر چېلىشچى مامۇت زورنى ئالاقە باغلاشقا ئەۋەتىدۇ. قۇمۇل شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىپ تۇرغان تۆمۈر خەلىپە ئالاقىچىلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ ۋە تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىغا 80 تال مىلتىق، 1000 تال ئوق، دورا بېرىدۇ. مۆيدىن خەلىپە باشچىلقىدىكى قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئەۋەتكەن ياردىمىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ ۋە قۇرالغا ئىگە بولغان تۇرپان دېھقانلىرىنى تەشكىللىپ، 1912 - يىلى كۈزدە قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. بۇ قوزغىلاڭغا پىچان توقسۇ دېھقانلىرىمۇ ئاۋاز قوشىدۇ. بۇ قوزغىلاڭ تۇرپان خەلقى ئارىسىدا مۆيدىن خەلپەت يىغىلىقى دەپ ئاتىلىدۇ. شاھ مەخسۇس بىلەن لۈكچۈن ۋاڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇمۇل ۋە تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ قوزغىلاڭچىلارغا تاقابىل تۇرالمايدۇ. ئاخىر ياڭ زېڭشىندىن ياردەم سورايدۇ. ياڭ زېڭشىن قوزغىلاڭچىلارنى «تازىلاش» ئۈچۈن ئەسكەر چىقارغان بولسىمۇ ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولىدۇ. ئاخىر ئۇ دېھقانلار قوزغىلىڭىغا نسىبەتەن «قورقىتىش، يۇمىشتىش» تاكتىكىسىنى ئىشقا سېلىپ، بىر تەرەپتىن قوزغىلاڭچىلارغا تەسەللى ئېيتىش مەزمۇنىدا ئېلان چىقارسا، يەنەق بىر تەرەپتىن «ھوشۇڭلارنى تېپىڭلار، بولمىسا ئەدىۋىڭلار بېرىلىدۇ» دەپ ۋەھىمە سالىدۇ. قوزغىلاڭچىلار ئىچىگە ئادەم ئەۋەتىپ «باج - سېلىق، ئالۋان - ياساق ئازايتىلىدۇ. ئادىللىق بىلەن ئىش كۆرۈلىدۇ» دەپ قۇرۇق ۋەدە قىلىپ، قوزغىلاڭچىلارنى سۆھبەتكە چاقىرىدۇ. لېكىن، قوزغىلاڭچىلار ئۇ گەپلەرگە قۇلاق سالماي كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىۋېتىدۇ. ياڭ زېڭشىن ئاخىر دىنىي ئىمتىياز ئىگىلىرىنى ئىشقا سېلىپ قوزغىلاڭچىلار سېپىنى پارچىلاپ، «بىر - بىرلەپ يوقىتىش» كويىغا چۈشىدۇ. خۇيزۇ قىسمنىڭ يىڭجاڭى لى شۇفۇ ۋە فېڭ ھاجى قاتارلىق دىندارلارنى ئىشقا سالىدۇ. ئۇلار قوزغىلاڭچىلارنىڭ تەلىپىنى ئورۇنداشقا، تۆمۈر خەلىپە ۋە باشقا قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھاياتىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىككە ۋەدە قىلىدۇ. قۇرئان تۇتۇپ قەسەم ئىچىدۇ، نەتىجىدە ياڭ زېڭشىن بىلەن تۆمۈر خەلىپە ئوتتۇرىسىدا بىر مۇنچە شەرتلەر بويىچسە كېلىشىم تۈزۈلۈپ، تۆمۈر خەلىپىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەيدۇ. ياڭ زېڭشىن تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىمۇ يۇقىرىقىدەك خىلمۇ خىل ئۇسۇللار بىلەن ئالداپ قولغا كەلتۈرۈپ، قوزغىلاڭچىلارنى مۆيدىن خەلپەت باشچىلىقىدا بىر يىڭ قىلىپ تەشكىللەپ ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ چىقىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلارنى يوقىتىش سۇيىقەستىنى پىلانلايدۇ. تۆمۈر خەلىپە، مۆيدىن خەلپەتلەر ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇلار تەرەپتىن تەيىنلەنگەن يۇرت باشلىقلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. قوزغىلاڭغا قاتناشقان دېھقانلاردىن تەتۈر ھېساب ئېلىنىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر زىندانغا تاشلىنىدۇ. شۇڭا، تۆمۈر خەلىپە، مۆيدىن خەلپەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئالدانغانلىقىنى سېزىپ قايتا ھەرىكەتلەنمەكچى بولىدۇ. لېكىن، خائىنلارنىڭ ساتقۇنلۇقى بىلەن ئۇلارنىڭ پىلانى سېزىلىپ قىلىپ، 1913 - يىلى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى كېچىسى ئۇلار قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. خەلق ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىغا قارىماي مۆيدىن خەلپەتنىڭ جەستىنى تۇرپاننىڭ قاراغوجا يېزىسىغا ئېلىپ بېرىپ، داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ دەپنە قىلىدۇ. تۆمۈر خەلىپە ۋە مۆيدىن خەلپەتنىڭ قول ئاستىدىكى ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى «يۇرتىغا قايتۇرۇش» باھانىسى بىلەن ئۈرۈمچىدىن يولغا سېلىنىپ، پىلان بويىچە يولدا يوشۇرۇن قويۇلغان ياڭ زېڭشىن ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ئاي داۋاملاشقان مۆيدىن خەلپە باشچىلىقىدىكى تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭى قانلىق باستۇرۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مۆيدىن خەلپەت | UyghurWiki | UyghurWiki