سەيدۇللا سەيپۇللايوۋ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
سەيدۇللا سەيپوللايوۋ، 1918 - يىلى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تۇرپان چاتقال يېزىسى (تۇرپان قىرىمچى) دا كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1944 - يىلى 10 - ئايدا شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان، 1950 يىلى 3 - ئايدا ۋاڭ جېن، ۋاڭ ئېنماۋنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن قەشقەردە جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. دەم ئېلىشقا چىقىشتىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئىدى.
سەيدۇللا سەيپۇللايوۋ 1945 - يىلى 3 - ئايدىن 1946 - يىلى 6 - ئايغىچە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى مائارىپ نازارىتى كادىرلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى. 1945 - يىلى 10 - ئايدىن 1948 - يىلى 8 - ئايغىچە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ياشلار تەشكىلاتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە رەئىس ۋەزىپىسىنى ئاتقۇردى.
ئۇ 1950 - يىلى 12 - ئايدا گومورو باشچىلىقىدىكى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە ۋارشاۋاغا بېرىپ ئىككىنچى قېتىملىق دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش يىغىنىغا قاتناشتى.
1951 - يىلى 1 - ئايدا قەشقەر رايونلۇق پارتكوم جەنۇبىي شىنجاڭ پارتكومىغا ئۆزگەرتىلگەندە يەنە جەنۇبىي شىنجاڭ پارتكومىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەندى. 1951 - يىلى 7 - ئايدىن 1953 - يىلى 9 - ئايغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولدى. 1952 - يىلى 12 - ئايدىن 1955 - يىلى 9 - ئايغىچە شىنجاڭ شۆبە بيوروسىنىڭ ئەزاسى بولدى.
1953 - يىلى 8 - ئايدىن 1955 - يىلى 8 - ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت شىنجاڭ شۆبە بيورىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولدى.
1956 - يىلى 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىرىنچى قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.
1956 - يىلى 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىرىنچى نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سانلىق ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا سايلاندى.
ئۇ 1960 - يىلى 2 - ئايدىن 1966 - يىلى 5 - ئايغىچە قۇمۇل ۋالى مەھكىمىسىنىىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى بولدى.
ئۇ 1979 - يىلى 8 - ئايدىن 1980 - يىلى 12 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق 4 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى.
ئۇ 1980 - يىلى 12 - ئايدىن 987 - يىلى 10 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق 5 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتا گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولدى.
ئۇ يەنە مەملىكەتلىك 1 - نۆۋەتلىك ۋە 6 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ۋە مەملىكەتلىك 5 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولدى.
1990 - يىلى 12 - ئايدا دەم ئېلىشقا چىقتى.