UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىغەيرەت ئابدۇللا

غەيرەت ئابدۇللا

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللا 1952 - يىل 3 - ئايدا ئاقسۇدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1959 - يىلدىن 1970 - يىلغىچە ئاقسۇ شەھىردە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1970 - يىلدىن 1972 - يىلغىچە قايتا تەربىيە ئالغان، 1972 - يىلدىن 1976 - يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن <شىنجاڭ گېزىتى> ئىدارىسىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. ئۇ، <شىنجاڭ گېزىتى> ئۇيغۇر مۇخبىرلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. غەيرەت ئابدۇللا ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1973 - يىل <تارىم> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان <گۈل زېمىن>، <ئالتۇن دېڭىزدىكى ناخشا> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ <ئۆرۈك چېچەكلىگەندە>، <قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆردۈم تامچىدىن>، <تارىم ناخشىسى> قاتارلىق شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان. كېيىنچە غەيرەت ئابدۇللا پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <تاشۋاي>، <گۆركارنىڭ ئوغلى>، <پەگاھدىن تۆرگە>، <ئەقىدە>، <تىيانشان بويلاپ>، <ئاپرېل ئىستەكلىرى>، <رەسمىيەت>، <شۇنداقمۇ ئاتا بار>، <تاش ئابىدە> قاتارلىق بىر تۈركۈم ئوچېرك، ھېكايە - پوۋېست، ئەدەبىي ئاخباراتلارنى ئېلان قىلغان، بولۇپمۇ غەيرەت ئابدۇللانىڭ <تىيانشان بويلاپ> ناملىق چاتما نەسرى، <تاشۋاي> ناملىق ئوچېركى، <تاش ئابىدە> ناملىق بىئوگرافىك پوۋېستى خېلى يۇقىرى بەدىئىي ئۇتۇقى بىلەن كىتابخانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. غەيرەت ئابدۇللا ئۆز نۆۋىتىدە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، بەزى مەشھۇر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. غەيرەت ئابدۇللانىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <تىيانشان بويلاپ> (1984 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق نەسرلەر توپلىمى، <تاش ئابىدە> (1985 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق بىئوگرافىك پوۋېستى، <ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنلىرى> (1990 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەدەبىي ئاخباراتى قاتارلىقلار بار. غەيرەت ئابدۇللا ھازىر مۇدىر مۇھەررىر، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
غەيرەت ئابدۇللا | UyghurWiki | UyghurWiki