ئابدۇكېرىم مەخسۇت
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە ژۇرنالىست ئابدۇكېىم مەخسۇت (ئەدەبىي تەخەللۇسى - بۇلبۇل) 1938 - يىل 5 - ئايدا غۇلجا شەھىرىنىڭ ناغرىچى مەھەللىسىدە ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان، 1946 - يىلدىن 1956 - يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى <مۇراد> مەكتەپ، ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى بىلىم يۇرتى ۋە ئىلى 1 - دارىلمۇئەللىمىنلەردە ئوقۇغان، 1956 - يىلدىن 1983 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئىلگىرى - كېيىن غۇلجا شەھىرىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، 1984 - يىلدىن ھازىرغىچە <ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى> دە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
ئابدۇكېرىم مەخسۇتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1956 - يىلى مائارىپ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان <پىئونېر سۆزى>، <گۈلدەستە> قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <تولۇن ئاي>، <ئۆمۈر قوشىقى>، <مەيىن سابالار>، <دىلبەر كېچىلەر>، <سۆيگۈ چەكسىز، ھايات بىر جام> قاتارلىق نۇرغۇن لىرىك شېئىرلار؛ <كوممۇنست>، <رەيھاننىڭ كۈلكىسى>، <يۇرت ئۇغلى>، <قاينام باللادىسى>، <ئۆي كەپتىرىم قىلغاندا پەرۋاز> قاتارلىق داستان - باللادىلارنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ شېئىرىيەت جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان.
ئابدۇكېرىم مەخسۇت شېئىر ئىجادىيىتىدىن باشقا، يەنە ھېكايىچىلىق ۋە تەتقىقات بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <ئارمان>، <ھەسرەتلىك تىنىقلار> قاتارلىق بىر قىسىم ھېكايىلارنى؛ <ناۋائىي رۇنائىيلىرىنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش>، <تېيىپجان ئېلىيوپ رۇبائىيلىرىدىكى دەۋر روھى> قاتارلىق ئىلمىي، ئەدەبىي ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان.
ئابدۇكېرىم مەخسۇتنىڭ ھازىرغىچە يېزىپ نەشر قىلدۇرغان ئىجادىي ئەسەرلىرىدىن <ئالمىزار ناخشىسى> (1983 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <تولۇن ئاي> (سۇلتان ماھمۇت بىلەن بىللە، 1981 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <ئىشىق سادالىرى> (مۇھەممەت روزى بىلەن بىللە، 1991 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) قاتارلىقلار بار.
ئابدۇكېرىم مەخسۇت ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ھەيئەت ئەزاسى.