ئابلىمىت سابىر
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى ئابلىمىت سابىر 1938 - يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئەشىمكار كوچىسىدا تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1945 - يىلدىن 1951 - يىلغىچە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان، 1951 - يىلدىن 1956 - يىلغىچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندە ئۇقۇغان، 1956- يىلدىن 1990 - يىلغىچە قەشقەر شەھىرى ۋە يېڭىسار ناھىيلىرىدە مەدەنىيەت - مائارىپ، تەشۋىقات ساھەلىرىدە ئشىلىگەن، 1990 - يىلدىن تارتىپ قەشقەر شەھىرىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر پېنسىيدە.
ئابلىمىت سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1956 - يىلى <قەشقەر گېزىتى> دە ئېلان قىلغان قىسقا ھېكايىلىرى بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە <بەخت>، <ئۇنىڭ ماكانى>، <تۇنجى ئىش ھەققى>، <شوپۇرلار مۇسابىقىسى>، <دەرۋازىۋەن>، <خەلقىم> قاتارلىق نۇرغۇن ھېكايىلارنى يازغان. بۇ ھېكايىلارنىڭ بىر مۇنچىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا خېلى چوڭ تەسىر قوزغىغان، بولۇپمۇ <ئۇنىڭ ماكانى> ناملىق ھېكايىسى چەت ئەللەردە بېسىلغان.
ئابلىمىت سابىرنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <بىخ> (1982 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <نوتا> (1985 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) قاتارلىق ھېكايىلار توپلاملىرى بار. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن، بەزى ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن.
ئابلىمىت سابىر ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.