UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىقۇربان سەئىدى

قۇربان سەئىدى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى قۇربان سەئىدى تۇرپان ئاستانىلىق، ئۇ دېھقان - سودىگەر ئائىلىسىدە 1896 - يىلى تۇغۇلىدۇ. مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە تۇرپان ئاستانىدە دىنىي مەكتەپ ئوقۇيدۇ. 1914 - يىلى تۇرپان ئاستانىدە تاغىسى مەخسۇت مۇھىتى ئاچقان پەننىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. 1925 - يىللاردىن باشلاپ تاغىسى مەخسۇت مۇھىتى قۇرغان «مۇھىتىلار شىركىتى» دە خام ئەشيا سېتىۋالغۇچى ۋە سانائەت ماللىرىنى توپ، پارچە ساتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1931 - يىلى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى قۇمۇلدا دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ، 1932 - يىلى ئىنقىلاب تۇرپان، پىچان، توقسۇنغا كېڭەيگەندە قۇربان سەئىدى تاغىلىرى موسۇلباي، مەخسۇت مۇھىتى، مەھمۇت مۇھىتلارغا قوشۇلۇپ تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى سېپىدە بولىدۇ. 1933 - يىلى 6 - ئايدا تاغىسى مەھمۇت مۇھىتى بىلەن خوجىنىياز ھاجىنىڭ قوشۇنى جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغاندا قوشۇن بىلەن قەشقەرگە بارىدۇ. 1934 - يىلى مەھمۇت مۇھىتى تەرىپىدىن قۇربان نىياز شاھىدى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا چىقىرىلىدۇ، 1935 - يىلى تاشكەنت ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كېلىپ، 6 - دىۋىزىيىدە شىتاب باشلىقى بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە تاغىسى مەھمۇت مۇھىتىغا قارشى ھەرىكەت قىلىدۇ. مەھمۇت مۇھىتى 1937 - يىلى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن 6 - دىۋىزىيىگە ۋاقىتلىق باشلىق بولىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ مەلىيە نازىرى بولىدۇ. 1939 - يىلى شېڭ شىسەي قۇربان سەئىدى، ئابدۇللا داموللا قاتارلىق بىر تۈركۈم كىشىلەرنى تۇرپان، پىچان، توقسۇندا دېھقانلار توپىلىڭىنى پىلانلىغان دېگەن نام بىلەن قولغا ئېلىپ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى