UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىيۈسۈپ ۋاڭ

يۈسۈپ ۋاڭ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى تۆتىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى يۈسۈپ چيەنلۇڭنىڭ 5 - يىلى (1740 - يىلى) دادىسىنىڭ ئىمتىيازىغا ۋارىسلىق قىلىپ، قۇمۇلنىڭ باسقاق بېگى بولىدۇ. 1756 - يىلى تۇرپاندا جۇڭغارلار بىلەن بىرلىشىپ كۆتۈرۈلگەن ئىسياننى باستۇرۇشتا يۈسۈپ ۋاڭ خىزمەت كۆرسىتىپ خان تەرىپىدىن تارتۇقلىنىدۇ. 1758 - يىلى يەنە يۈسۈپ ۋاڭ ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭ - كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان جازا يۈرۈشكە قاتنىشىپ، جەڭدە ماھارەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن گاۋزۇڭ خان تەرىپىدىن ئالاھىدە ئەمەل ئىنئام بىلەن مۇكاپاتلىنىپ، قەشقەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىنىدۇ. 1766 - يىلى 500 ئائىلىلىك دېھقان قۇمۇلدىن ئىلىغا دېھقانچىلىق قىلىشقا كۆچۈرۈلىدۇ. 1767 - يىلى 12 - ئايدا يۈسۈپ ۋاڭ ئوغلى ئىبراھىم بىلەن بېيجىڭغا خاننى زىيارەت قىلىشقا ماڭىدۇ. شەنشىنىڭ لىڭشى ناھىيسىگە بارغاندا يۈسۈپ ۋاڭ چېچەك چىقىپ ۋاپات بولىدۇ. ئىبراھىم دادىسىنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ كېلىېتىپ گەنسۇنىڭ پىڭلىياڭ ناھىيىسىگە كەلگەندە چېچەكنى يۇقتۇرۇۋېلىپ ئۇمۇ قازا قىلىدۇ. يۈسۈپ ۋاڭ ھايات ۋاقىتىدا قۇمۇل شەھەر سېپىلىنىڭ شىمالغا يانداش يۈزچى ئېگىزلىكتە، توققۇز دەرۋازىلىق چوڭ ئوردىنى سالدۇرىدۇ، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى «ئابات باغ» نى ئارىتام، باغراش باغلىرىنى بىنا قىلدۇرىدۇ. ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى سالدۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يۈسۈپ ۋاڭ | UyghurWiki | UyghurWiki