روزى سابىت
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە ژۇرنالىست روزى سايىت 1994 - يىل 9 - ئايدا خوتەننىڭ گۇما ماھىيسىگە قاراشلىق شەيدۇللا يېزىسىدا كونا ئەسكەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1951 - يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە خوتەن شەھىرىگە كۆچۈپ كىرگەن، 1958 - يىلغىچە خوتەندە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، ئارىلىقتا بىر مەزگىل يېزىغا چۈشۈپ دېھقان بولغان، 1973 - يىلدىن 1976 - يىغلىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ 1980 - يىلغىچە ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە دارىلمۇئەللىمىنلەردە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، 1980 - يىلدىن بۇيان خوتەن <يېڭى قاشتېشى> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
روزى سايىتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1973 - يىلى <قەشقەر گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <دېھقانمۇ داشۆگە كىردى> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ نۇرغۇن شېئىرلىرى، ئون نەچچە پارچە داستان - باللادىلىرى ئېلان قىلىنىپ، كەڭ كىتابخانلارنىڭ، ئەدەبىياتچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە <بارات يازغان ھېكايە> قاتارلىق بىر مۇنچە نەسرىي ئەسەرلەرنىمۇ يازغان. روزى سايىت يازغان <يىپەك يولىدا نورۇز>، <يۇرۇڭقاش ۋادىسىدا شادلىق> قاتارلىق تېلېۋىزىيە بەدىئىي فىلىملىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىندى.
روزى سايىتنىڭ بەزى ئەسەرلىرى مەملىكەت ھەم ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، بەزى ئەسەرلىرى چەت ئەللەردە ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر قانچە قېتىم ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالانغان.
روزى سايىتنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى> (1982 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق داستانلار توپلىمى، <بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن> (1984 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <مەرھابا> (1986 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <كۆڭۈلدىكى گەپلەر> (1989 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار> (1995 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق شېئىر ۋە داستانلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
روزى سايىت ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ، خەلق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.