UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىموللا نىيازى

موللا نىيازى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر موللا نىيازنىڭ تەرجىمىھالى ئېنىق ئەمەس. دىۋاننىڭ باشتىكى ئىچ مۇقاۋىسىغا خەتتات موللا فەتھ قۇمۇلى تەرىپىدىن يېزىلغان: «بۇ دىۋان ساھىبى موللا نىياز ئاشىق ئاخۇن، مۇھەببەت جامىدىن مەي ئىچىپ باغرىدىن قىلغان خۇن.» دېگەن مىسرالارغا ۋە دىۋاندىكى باشقا قىسمەن مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ شائىر موللا نىيازىنىڭ (ئۇ شېئىرلىرىدا «نىيازى» نى تەخەللۇس ئورنىدا ئىشلەتكەن) «دىۋان نىيازى» نى مىلادى 1841 - 1842 - يىللىرى دىۋان ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ. «دىۋان نىيازى» («دىۋان نىيازى»، «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ 1983 - يىل ئومۇمىي 10 - سانىدا ئېلان قىلىنغان.) 135 پارچە لىرىك غەزەل، بىر تاماقلار مۇنازىرىسى ۋە بىر مېۋىلەر مۇنازىرىسى قاتارلىق مۇنازىرە ژانىرىدىكى ئىككى پارچە تىپىك نەزمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شائىرنىڭ ھەممە غەزەللىرى دېگۈدەك مۇھەببەت تېمىسىدا بولۇپ، بەدىئىي جەھەتتىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. نىيازى ھاياتىنى ۋە لىرىكىسىنى ئۆگىنىش 19 - ئەسىر شەرقىي شىنجاڭ ئەدەبىي ھاياتى ۋە ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بىر مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
موللا نىيازى | UyghurWiki | UyghurWiki