ئابدۇۋەلى خەلپەت
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر، تۆھپىكار نەشرىياتچى ئابدۇۋەلى خەلپەت 1928 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى ئەنجان ئوبلاستى خانئاۋات يېزىسىدا تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجا شەھىرىدە ئوقۇپ تاماملىغان، 1945 - يىلدىن 1948 - يىلغىچە غۇلجا شەھىرى بايانداي باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، 1948 - يىلدىن 1950 - يىلغىچە غۇلجا ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىدا ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، 1951 - يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ <ئالغا گېزىتى>، <ئىتتپاق> ژۇرنىلىدا مۇھەررىر، مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1952 - يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، نەشرىياتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، نەشرىيات پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، <ئالغا>، <دۇنيا ئەدەبىياتى>، <بۇلاق>، ژۇرناللىرىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە.
ئابدۇۋەلى خەلپەت ئەدەبىيات ساھەسىگە 1946 - يىلى <ئىلى گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <دوستۇمغا> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە <بەخىت يولىدا>، <ئوقۇش كېرەك>، <جەڭچى يىگىتكە>، <گۈلۈمگە> قاتارلىق مەسەللەرنى ئېلان قىلغان.
كېينكى يىللاردا ئابدۇۋەلى خەلپەت ئاساسلىق زېھنىي كۈچىنى مۇھەررىرلىك، نەشرىياتچىلىققا قارىتىپ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان <كۈرەشچان يىللار>، <ئاپرېل شاماللىرى>، <ئارچا ياپرىقى>، <مۇللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە>، <ئىزدىنىش>، <ئىز>، <ئويغانغان زېمىن>، <قەشقەر كېچىسى> قاتارلىق كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىشىغا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان.
ئابدۇۋەلى خەلپەت يەنە كىتاب تۈزۈپ، تەرجىمە قىلىش جەھەتتىمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان. ئۇ، شەرق كلاسسىكلىرىنىڭ ھېكمەتلىرى ئاساسىدا <دانالار خەزىنىسىدىن> ناملىق كىتابنى، مەشھۇر دانىشمەنلەرنىڭ ھېكمەتلىرى ئاساسىدا <تەپەككۈر گۈلشەنى> ناملىق كىتابنى، ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ماقال - تەمسىللىرى ئاساسىدا <مارجان سۆزلەر> ناملىق كىتابنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان؛ مەشھۇر قىرغىز يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتماتوۋ، ئۆزبىك يازغۇچىسى سەئىد ئەخمەت قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان.
ئابدۇۋەلى خەلپەتنىڭ شېئىرلىرى<ئىلى دەرياسى>، <كۈرەش ناخشىلىرى>، <شانلىق يىللار>، <تارىم ئۆركەشلىرى>، <توي چاچقۇسى> قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزلگەن.
ئابدۇۋەلى خەلپەت ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.