ئابلىز ھوشۇر
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە ژۇرنالىست ئابلىز ھوشۇر 1942 - يىل 6 - ئايدا غۇلجا شەھىرىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجا شەھىرىدە تاماملىغان، 1958 - يىلىدىن 1961 - يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق سىيسىي - قانۇن كادىرلار مەكتىپىدە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا مەمۇرىي ئورۇنلاردا ئىشلىگەن، 1980 - يىلدىن تارتىپ <ئىلى دەرياسى> ژۇرنىلىدا ئىشلەۋاتىدۇ.
ئابلىز ھوشۇرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1962 - يىلى <ئىلى گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <سۆيىمەن> قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئاساسەن شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <نوزۇگۇم>، <مۇھەببەتنامە>، <قارىغاي بۇلاق>، <كېچىلەردە> قاتارلىق بىر تۈركۈم داستان ۋە شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدىكى ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان ھەم كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
ئابلىز ھوشۇر كېيىنچە ئاساسەن ئاساسەن پروزا ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتى جەھەتتە قەلەم تەۋەتكەن ۋە بۇ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.
ئابلىز ھوشۇرنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <نوزۇگۇم> (1983 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق داستان ۋە شېئىرلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ خېلى كۆپ شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
ئابلىز ھوشۇر ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.