UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىتۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن

تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر، يازغۇچى تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن 1941 - يىل 8 - ئايدا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ھازىرقى قورغاس ناھىيسىدە تەرەققىيپەرۋەر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1947 - يىلى ئائىلىسى بىلەن بىللە غۇلجا شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، غۇلجا شەھىرىدىكى باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1960 - يىلدىن 1965 - يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ 1992 - يىلغىچە ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى، تەشۋىقات خادىمى، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى، ناھىيلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇپ ئىشلىگەن، 1992 - يىل 11 - ئايدىن تارتىپ ئىلى ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ۋە ئىلى ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن 1957 - يىلدىن تارتىپ ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ، بولۇپمۇ 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ ئىزچىل شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <گۈل ھايات>، <ئىلى ئىلھاملىرى>، <زىيارەت خاتىرىلىرى>، <مايبۇلاق ئىلھاملىرى>، <جانانلار كۆزىدە ئويغانغان ئىلھام>، <پىكىرلىرىمدە مەۋجۇتسەن ئانا> قاتارلىق چاتما شېئىرلارنى؛ <نىدا> قاتارلىق داستان - باللادىلارنى؛ <پاقا>، <تۈلكە ھەققىدە يېڭى مەسەل> قاتارىق مەسەللەرنى يېزىپ، بەلگىلىك تەسىر قۇزغىغان. تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن يەنە پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ھازىرغىچە <بەختىيات>، <ئاققان ياش>، <يىراقتىن كەلگەن خەتلەر>، <سىرلىق سۆيگۈ> قاتارلىق ھېكايىلارنى؛ <ئۇنتۇلغۇسىز ئىشلار>، <قىياسىنى ئۇنتۇغان ئادەم> قاتارلىق پوۋېسىتلارنى ئېلان قىلغان. تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىننىڭ <باھار تۇيغۇرلىرى> ناملىق شېئىرلار توپلىمى 1981 - يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن، <ئانا تۇپراق> ناملىق شېئىرلار توپلىمى 1996 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، بىر مۇنچە شېئىر - ھېكايىلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن ھازىر ئالىي لېكتور، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى