UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئابدۇللا ياقۇپ

ئابدۇللا ياقۇپ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ئابدۇللا ياقۇپ 1947 - يىلى يېڭىسار ناھىيسىنىڭ بازار ئىچىدە كىچىك تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا ئوقۇپ تاماملاپ، 1961 - يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن، 1964 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ 1988 - يىلغىچە يېڭىسار 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق جايلاردا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيىدە. ئابدۇللا ياقۇپ ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1962 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <تاغ سۈيى> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەجىمى قىسقا، مەزمۇنى چوڭقۇر، لىرىكا بىلەن دىداكتىكا زىچ بىرلىشىپ كەتكەن، تېمىسى ھەر خىل، شەكلى رەڭدار نۇرغۇن شېئىرلارنى يېزىپ، بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە شائىرلىرىمىزنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئابدۇللا ياقۇپنىڭ <ھايات كۈيلىرى> ناملىق شېئىرلار توپلىمى (ئابدۇرېھىم ئىسمايىل بىلەن بىللە، 1987 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) نەشر قىلىنغان، بالىلار ئۈچۈن ئاتاپ يازغان بىر قىسىم شېئىرلىرى< سالام، يۇلتۇزلار> ناملىق كوللېكتىپ توپلامدىن ئورۇن ئالغان. ئابدۇللا ياقۇپ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى