UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىتۇرسۇن لېتىپ

تۇرسۇن لېتىپ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى تۇرسۇن لېتىپ 1936 - يىل 12 - ئايدا غۇلجا شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپنى غۇلجا شەھىرىدە ئوقۇپ تاماملاپ، 1951 - يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، 1954 - يىل 7 - ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قاغىلىق ناھىيسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ، 1957 - يىلدىن ھازىرغىچە <ئىلى گېزىتى> ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇخبىر ۋە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. تۇرسۇن لېتىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1978 - يىلى ئېلان قىلىنغان ھېكايىلىرى بىلەن باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە بىر مۇنچە ھېكايىلارنى، بىر قانچە پارچە پوۋېستىنى ۋە <ئەجدادلار ئىزىدىن> رومانىنى يېزىپ كىتابخانلارغا تەقدىم قىلىپ، دىققەتكە سازاۋەر بولغان. تۇرسۇن لېتىپنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئىھ، ياشلىقىم> (دىلدار بىلەن بىللە، 1988 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېست - ھېكايىلار توپلىمى، <ئەجدادلار ئىزىدىن> (1989 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق رومانى، <دانا> (1992 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمى، <ئارزۇ> (1993 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى