ھاشىم خۇيجاڭ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ھاشىم خۇيجاڭ سودا - تىجارەتكە پىششىق، خۇش چاقچاق، قولى ئوچۇق كىشى بولۇپ، 1907 - يىلى قاغىلىقىنىڭ سايباغ يېزىسىدا تۇغۇلىدۇ. ئۇ 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تاشقورغان ئىنقىلابىغا قاتنىشىدۇ. قاغىلىق ناھىيسىدىكى قاسىم بەگ، ئىسھاقجان ۋە بىر بۆلۈم دىنىي زاتلارنى يىغىپ، تەشكىلاتنى كۈچەيتىدۇ. قوزغىلاڭچىلار بىلەن مەخپىي ئالاقە قىلىپ تۇرىدۇ. قوزغىلاڭچىلار بىلەن مەخپىي ئالاقە قىلىپ تۇرىدۇ. قوزغىلاڭچىلار 1946 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قاغىلىقنى ئىشغال قىلغاندا، ھاشىم خۇيجاڭ ئۆز ئەزالىرى بىلەن قوزغىلاڭچىلارنىڭ قاغىلىقنى ئېلىشىغا زور ياردەمدە بولىدۇ. كېيىن قاغىلىقتا قۇرۇلغان ئۇيغۇر پولكىغا باشلىق (پولكوۋنىك) بولىدۇ. بىتىم مەزگىلىدە سايلام خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ. كېيىن بۇرھان شەھىدى ھاشىم خۇيجاڭنى ئېلىپ قەشقەرگە ئاپىرىپ، قەشقەردە ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم يېنىدا پاناھلىنىشقا قالدۇرۇپ قويىدۇ. گومىنداڭ تۇتماقچى بولغاندا، قەلەندەرچە ياسىنىپ، قاغىلىق سايباغدىكى ئۆيدە ئۈچ ئايدەك يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ. 1947 - يىلى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى بۇرۇن ھاشىم خۇيجاڭغا كاتىپ بولغان ھېزىم ئىسلام دېگەن كىشى ئۇنى ئۇچرىتىپ قىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە مەلۇمات بەرگەچكە قولغا ئېلىنىدۇ. تۈرمىدە تۇردى قارىي بەگ بىلەن بىرگە زەھەرلىك ئوكۇل بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ.
ھاشىم خۇيجاڭ 45 يىلدىن ئارتۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە رەئىس بولغاچقا، ھاشىم خۇيجاڭ دەپ ئاتالغان.