توختى سابىر
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر توختى سابىر 1953 - يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا ئوقۇپ تاماملاپ، 1952 - يىلى ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، 1958 - يىلغىچە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن، ھەربىي سەپتىن قايتقاندىن كېيىن، 1972 - يىلغىچە شىنجاڭ <ئۆكتەبىر> تراكتۇر زاۋۇتىدا سېخ باشلىقى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، زاۋۇت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، زاۋۇت پرتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان. توختى سابىر 1972 - يىلدىن 1979 - يىلغىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ ئىشلىگەن، 1990 - يىلدىن تارتىپ 1995 - يىلغىچە ماناس ئېلېكتر ئىستانىسىدا ھۆكۈمەت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان.
توختى سابىر ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 60 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلغان شېئىرلىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن بېرى، بولۇپمۇ 80 - يىللاردىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <قۇچىمىز شانلىق زەپەر>، <ھۇرۇن بىلەن ئىشچان>، <شائىر بولمىقىم>، <بوينۇمدىكى تاش قېنى>، <مەن قازى بولغان چاغدا>، <قۇشقاچ تۇتۇش ئويۇنى>، <يايغۇرلۇق كېچە>، <تۇپراققا مەدھىيە> قاتارلىق نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان. شائىر بۇ شېئىرلىرىدا دەۋر ئاتا قىلغان تەسىراتلارنى، ھايات سەرگۈزەشتىلىرى بەرگەن ھېسسىياتلارنى، ھايات ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى، زامان يېڭىلىقلىرى، ئۆزگىرىشلىرىنى يازغان. توختى سابىر كېيىنكى يىللاردا پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <قىر ئاشالمىغان ئاشۇ يىللاردا> قاتارلىق بىر قانچە ھېكايە - پوۋېستلارنىمۇ يازغان.
توختى سابىرنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئالتۇن پەسلىدىكى ناۋا> (1992 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار. شائىرنىڭ يەنە بىر قىسىم شېئىرلىرى <تاغ بۇلاقلىرى> قاتارلىق كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.