UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىدۇربېك

دۇربېك

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر دۇربېكنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتىگە دائىر ماتېرىياللار بىزگە پەقەت ئۇنىڭ مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدا تېپىلغان داستانى _ «يۈسۈپ ۋە زۇلەيخا» دىن كەلگەن. شائىر داستانىنى مىلادىيە 1409 - يىلى (ھىجىرىيە 1812 - يىلى) بەلخ شەھىرى قامال ئىچىدە تۇرغان مەزگىلدە يازغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بەلخ شەھىرى شامرۇخ تەرىپىدىن 1409 - يىلى ئىيۇلدىن سىنتەبىرگىچە ئۈچ ئايغا يېقىن قامال قىلىنغان بولۇپ، شائىر داستانىدىكى: «قەلئەئى بەلخ ئولدى چۇ دەرۋاز بەند، پايانى زۇلۇم ئولدى بەغايەت بەلەند. ئۇشبۇ قەبىل خەلق ئۈچ ئاي تەمام، يار ئېدىلەر غۇسسەيۇ غەم سۈبھى شام.» دېگەن مىسرالىرىدا قامال ئىچىدە قالغان بەلخ خەلقىنىڭ ئېغىر، كۈلپەتلىك ھاياتىنى بايان قىلىدۇ. دۇربېكنىڭ «يۈسۈپ ۋە زۇلەيخا» داستانى ئۆزىدىن ئاۋۋالقى ئەدىبلەر تەرىپىدىن يارىتىلغان شۇ نام، شۇ سيۇژىتتىكى ئەسەرلەردىن ئەينى دەۋر رېئاللىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئىشقىي - رومانتىك تۈسكە كىرگۈزۈلگەنلىكىدەك ئالاھىدىلىكى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. داستاندا 14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 15 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يۈز بەرگەن تارىخىي ۋەقەلەر، بەلخ قامالى ۋە بەلخ شەھىرى خەلقىنىڭ ئازابلىرى يۈسۈپ ۋە زۇلەيخانىڭ رومانتىك سەرگۈزەشتىلىرى ئاساسىدا ۋاسىتىلىك ياكى ياندىن بېرىلىدۇ. داستاندا يەنە بىر قاتار ئىجادىي ئوبرازلار يارىتىلغان. دۇربېك «يۈسۈپ ۋە زۇلەيخا» داستانىدا خەلق جانلىق تىلى ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان. ئۇنىڭ ئەسىرىدىكى «باقاۋۇل، ياساۋۇل، چېرىك، ئىلىك، جانابىي ئالىيلىرى» دېگەن سۆزلەر ۋە كۆپلەپ ئىشلىتىلگەن ماقال - تەمسىللەر بۇنى ئىسپاتلاپلا قالماي، يەنە ئەسەرنىڭ تەتقىقات قىممىتىنىمۇ ئاشۇرغان. شائىر دۇربېكنىڭ «يۈسۈپ ۋە زۇلەيخا» داستانى 1959 - ۋە 1960 - يىللىرى تاشكەنتتە ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا نەشىر قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
دۇربېك | UyghurWiki | UyghurWiki